باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم چىش چوتكىلىسا، يۈرەك قان تومۇر كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

2019.02.13 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورىيە دۆلەتلىك سېئۇل ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم چىش چوتكىلاپ بەرگەن ئادەمنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى بايقىغان.

  تەتقىقاتچىلار تاللىغان سانلىق مەلۇماتلار كورىيە دۆلەتلىك ساغلاملىق سۇغۇرتىسى سىستېمىسىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلار جەمئىي 248 مىڭ نەپەر 40 ياشتىن ئاشقان ئاھالىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توپلىغان. چىش بۆلۈمىدىكى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇنىڭ ئىچىدىكى %40.5 ئادەم ھەر كۈنى ئاز بولغاندا ئۈچ قېتىم چىشىنى چوتكىلايدىكەن، %44.8 ئادەم ئەتىگەن ۋە كەچتە چىشىنى چوتكىلايدىكەن، %14.7 ئادەم ھەر كۈنى چىشىنى چوتكىلىمايدىكەن؛ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە % 25.9 ئادەم ھەر يىلى چىش يۇيۇش ئادىتىنى ساقلاپ كەلگەن. ئىز قوغلاپ زىيارەت قىلىپ تەتقىق قىلغان 9.5 يىل ئىچىدە، جەمئىي 15 مىڭ قېتىق يۈرەك قان تومۇر ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، يۈرەك سەۋەبىدىن تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، يۈرەك سەكتىسى ۋە يۈرەك زەئىپلىشىش ھادىسىلىرى دېگەندەكلەر بۇنىڭ ئىچىگە ئېلىنغان.

  نەتىجىدە شۇنى بايقىغانكى، چىش ئەتراپى كېسىلى ۋە كاۋاكلاشقان چىش سانى كۆپ بولغان ياكى چۈشۈپ كەتكەن چىش سانى كۆپ بولغان ئادەملەردە يۈرەك قان تومۇرى كېسەللىكىنىڭ يۈز بېرىش خەتىرى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم چىش چوتكىلىسا، يۈرەك قان تومۇرى كېسەللىكىنىڭ يۈز بېرىش خەۋپ-خەتىرى %9 تۆۋەنلەيدىكەن؛ ھەر يىلى چىشىنى ئاز دېگەندە بىر قېتىم يۇيۇپ بەرگەنلەر بولسا، بۇ خىل خەۋپ-خەتەرنى %14 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: چىشىنى كۆپ چوتكىلاش ۋە پات-پات يۇيۇپ بېرىش ئارقىلىق ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىنى ياخشىلاش ئۇسۇلى بولسا، كۆپلىگەن ئېغىز بوشلۇقى مەسىلىسىنى ئازايتىپلا قالماي، يەنە يۈرەك قان تومۇرىنى قوغداش رولىنىمۇ ئوينايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر