باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئىشنىڭ مۇھىم ھالقىسىنى چىڭ تۇتۇپ، چوڭ ئىشنى ياخشى ئىشلەش لازىم

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2019.01.21 14:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زىمىستان قىش پەسلىدە، شىمالىي جۇڭگو زېمىنىدا ئىسلاھات، تەرەققىيات قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. شيوڭئەن يېڭى رايونىدىن تيەنجىنگىچە، ئارقىدىن يەنە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئىككىلەمچى شەھەر مەركىزىگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدا خىزمەت تەكشۈرۈپ، بېيجىڭ-تيەنجىن- خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. باش شۇجى ئومۇمىيلىق يۈكسەكلىكى ۋە يىراق كەلگۈسىنى نەزەردە تۇتۇپ بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلمىي پىلانلاپ، نۆۋەتتىكى ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى، تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشىشى ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

  بۇ يىل، بېيجىڭ-تيەنجىن- خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ بەش يىللىقى. بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شيوڭئەن يېڭى رايونى ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئىككىلەمچى شەھەر مەركىزى يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى، بېيجىڭنىڭ پايتەختكە ماس بولمىغان فۇنكسىيەلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش پائال، پۇختا قانات يايدۇرۇلۇپ، قاتناش، ئېكولوگىيە، كەسىپ قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە باشلامچىلىق بىلەن بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. بېيجىڭ- تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش بىر سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، بىر كۈچەپلا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ، ئۇزاق مۇددەت جەڭ قىلىش، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇش كېرەك. ھازىر، بېيجىڭ- تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش تاشنى دومىلىتىپ تاغقا چىقىش، داۋان ئېشىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىشتىكى ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىردى، تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ چوڭ ئىشنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش لازىم.

  بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا، چوقۇم ئىشنىڭ مۇھىم ھالقىسىنى چىڭ تۇتۇش، يۇقىرى ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇش لازىم. بېيجىڭنىڭ پايتەختكە ماس بولمىغان فۇنكسىيەلىرىنى پائال، پۇختا، تەرتىپلىك تارقاقلاشتۇرۇش بولسا بېيجىڭ-تيەنجىن- خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىدىكى ئەڭ مۇھىم، شۇنداقلا ئەڭ يادرولۇق ۋەزىپە. بۇ مۇھىم ھالقىنى مۇستەھكەم چىڭ تۇتۇشتا، ئۇسۇلغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش لازىم؛ ئاشۇرۇلما مىقدارنى قاتتىق كونترول قىلىش ۋە قالدۇق مىقدارنى تارقاقلاشتۇرۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى ئىقتىدارنى قايتا تەشكىللەش ۋە سىرتقا تارقاقلاشتۇرۇپ يۆتكەشكە قوش يۆنىلىشلىك كۈچەش كېرەك؛ بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش لازىم، بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش ۋاسىتىسى بىلەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك؛ بېيجىڭنىڭ «بىر گەۋدە، ئىككى قانات» تەرەققىيات ئەندىزىسى بويىچە، پايتەختنىڭ يادرولۇق فۇنكسىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ ۋە ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۆلچەمدە شيۇڭئەن يېڭى رايونى بىلەن بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئىككىلەمچى شەھەر مەركىزى يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تارىخىي سەۋرچانلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، پىلاننىڭ قەتئىيلىكى ۋە چەكلىمىلىكىنى ساقلاپ، بىر پىلاننى ئاخىرىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىنىڭ قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، قۇرۇلۇشنىڭ تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىغا جاۋاب بېرىش لازىم.

  ئىسلاھات-تەرەققىيات ئېلىپ بېرىش تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈندۇر. بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش لازىم. ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ماس تەرەققىياتنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، مائارىپ، داۋالاش، مەدەنىيەت قاتارلىق جامائەت بايلىقىنى تەقسىملەشنى سەرخىللاشتۇرۇپ، پۇقرالار كۆڭۈل بۆلىدىغان، جانىجان مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىغا ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كېلىش لازىم. بېيجىڭ، تيەنجىننىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش مېخانىزمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خېبېيدىكى نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 2020-يىلى بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي رايونلىرىدىكى نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىق قالپىنى چۆرۈپ تاشلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئىشنى ياخشى ئىشلەپ، كەڭ خەلقنى ماس تەرەققىي قىلىش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر