باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بەل قانچە توم بولسا، يۈرەك كېسىلىگە گېرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرى شۇنچە زور بولىدۇ

2019.01.18 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زىيارەتنى قوبۇل قىلغان مۇتەخەسسىس: بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋى سەھىيە ئىنستىتۇتى تارقىلىشچان كېسەل ۋە سەھىيە ستاتىستىكا فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى لۈ يۈن

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سېمىزلىك بەدەنگە زىيانلىق، بېلى توم بولۇش يۈرەككە زىيانلىق. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋى سەھىيە ئىنستىتۇتى تارقىلىشچان كېسەل ۋە سەھىيە ستاتىستىكا فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى لۈ يۈن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىنىڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە، بۇ يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاندى. بەل يوغىناپ كېتىش (يەنى مايلار بەدەن مەركىزىگە يىغىلىۋېلىش تىپىدىكى سېمىزلىك) تاجسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ مۇستەقىل ھالدىكى خەتەرلىك ئامىلىدۇر. مۇنداقچە ئېيتىقاندا، بەل قانچە توم بولسا، قان يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان يۈرەك كېسىلى يۈز بېرىش ۋە ئۆلۈشنىڭ خەتىرىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.

  لۈ يۈن «ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مۇنداق دېدى: مايلار بەدەن مەركىزىگە يىغىلىۋېلىش تىپىدىكى سېمىزلىكنىڭ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بىلەن باغلىنىشلىقى ئۈستىدە، چەتئەلدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەتقىقات نەتىجىلىرى بار، لېكىن، دۆلىتىمىز ئىچىدە ئوخشاش تۈردىكى كەڭ كۆلەملىك تەتقىقات تېخى كەمچىل ئىدى. بىز 2004- يىلىدىن باشلاپ جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆزىنىڭ قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقتۇق. ھازىرغا قەدەر، بىز 10 نەچچە يىلچە كەينىدىن ئىز قوغلاپ زىيارەت قىلىش تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدۇق. بۇ تەتقىقاتتىن ھاسىل قىلغان سانلىق مەلۇماتلارنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ھەمدە بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق، مايلار بەدەن مەركىزىگە يىغىلىۋېلىش تىپىدىكى سېمىزلىكنىڭ قان تومۇر كېسىلىگە بولغان تەسىرى ھەققىدىكى چەتئەلدىكى يەكۈن بىلەن بىردەك ئىكەنلىك ياكى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاشقا بولىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ تەتقىقاتتا، جۇڭگونىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە قارىتا ئېلىپ بارغان ئالدىن كۆرەرلىك تەتقىقاتىدىكى 30- ياشتىن 79- ياشقىچە ئارىلىقتىكى 420 نەپەر قۇرامىغا يەتكەنلەرگە ئانالىز ئېلىپ بېرىلغان. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن توققۇز يىل 1 ئايچە ۋاقىت ئىچىدە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش مەزگىلىدە، قان يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان يېڭىدىن پەيدا بولغان يۈرەك كېسىلى مىساللىرى 26 مىڭ 900گە يەتكەن بولۇپ، ئۆتكۈر خاراكتېرلىك تاجسىمان يۈرەك كېسىلى ۋەقەسى 4320گە يەتكەن، 2787سى قان يېتىشمەسلىكتىن بولغان يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلگەن.

  بەدەندە ماينىڭ زىيادە كۆپ بولۇشى سالامەتلىككە زىيانلىق دەيدىغان كۆز قاراش ئاللىقاچان كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. لېكىن، ماينىڭ بەدەندىكى تارقىلىش ئورنى ئوخشاش بولمىغاندىمۇ، ئۇنىڭ يامان تەسىر پەيدا قىلىش دەرىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. لۈ يۈننىڭ ئېيتىشىچە، تېرە ئاستى مايلىرى ۋە مۇسكۇللار ئارىلىقىدىكى مايلارنىڭ ئادەتتە سالامەتلىككە بەك چوڭ زىيىنى بولمايدۇ، ھەقىقىي خەتەرلىك بولىدىغىنى ئەزالار ئارىلىقىدىكى مايلار بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى قورساق قىسمى سېمىز بولۇش. بۇ تۈرلۈك تەتقىقاتتا، گەرچە مايلار بەدەن مەركىزىگە يىغىلىۋېلىش تىپىدىكى سېمىزلىكنىڭ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرى نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىشىدىكى سەۋەبكە بىۋاسىتە چېتىشلىقى بولمايدىغان بولسىمۇ، لېكىن، ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردىن قارىغاندا، بۇ بەلكىم قورساقتىكى مايلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىنسۇلىن بىلەن قارشىلىشىش، قاندىكى ماي نورمالسىز بولۇش ۋە يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مومكىن.

  بەدەن قۇرۇلمىسى قاتارلىق جەھەتلەردە كىشىلەر ئارا پەرقلەر مەۋجۇت بولىدىغان بولغاچقا، ياۋروئالىقلارغا قارىغاندا، ئاسىيالىقلارنىڭ قورساق قىسمىدا تېخىمۇ ئاسان ماي يىغىلىپ قېلىپ، ئۇلاردا مايلار بەدەن مەركىزىگە يىغىلىۋېلىش تىپىدىكى سېمىزلىك ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن. بۇمۇ يەنە ياۋروپالىقلار ئۈچۈن ئېيتقاندا نورمال ھېسابلىنىدىغان ( BMI ) قىممىتىنىڭ ئاسىيالىقلاردا يۈرەك ۋە مېڭە قان تومۇر كېسەللىرىنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر. لۈ يۈن مۇنۇلارنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇكى، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئادەم بەدىنىدىكى ماددا ئالمىشىش ئاستىلاپ، بەل قىسىمى كۆرۈنەرلىك يوغىنايدۇ، بولۇپمۇ ئادەم ئوتتۇرا ياشقا كەلگەندە، قوبۇل قىلىش مىقدارى تېخى ئازايماي تۇرۇپ، ھەرىكەت مىقدارى ئازىيىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ماددا ئالمىشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، بەل ئايلانمىسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ، بۇنىڭغا سىز چوقۇم يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزىڭىزنىڭ بەل ئايلانمىڭىزغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، تۇرمۇش ئۇسۇلىڭىزنى تەرتىپكە سېلىشىڭىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر