باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا چوقۇم چىڭ تۇرۇش لازىم

يېڭى مۇلاھىزىلەر: «توققۇزدا چوقۇم چىڭ تۇرۇش» توغرىسىدا (3)

2019.01.17 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش شانلىق مۇساپىسى، يەنە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ئۆزئارا گىرەلىشىپ نۇرلانغان تارىخىي جەريانغا كەلگۈسىنى يارىتىشنىڭ مەخپىي شىفىرى يوشۇرۇنغان.

  ئەمەلىيەت ۋە ئىزدىنىشكە قاراپ ھەربىر قەدەم باسقاندا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئالدىغا بىر قەدەم ئىلگىرى سىلجىتىلدى.



  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا: «ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا چوقۇم چىڭ تۇرۇش، ئەمەلىيەت ئاساسىدا نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك»، «ئەمەلىيەت تەرەققىياتىنىڭ چېكى يوق، ئىدىيەدە ئازاد بولۇشنىڭ چېكى يوق»، دەپ تەكىتلىدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش شانلىق مۇساپىسى يەنە نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ئۆزئارا گىرەلىشىپ نۇرلانغان تارىخىي جەريان بولۇپ، كەلگۈسىنى يارىتىشنىڭ مەخپىي شىفىرى يوشۇرۇنغان.

  تارىخىي ماتېرىيالىزىمچىلارنىڭ قارىشىچە، ئەمەلىيەت بولسا بىلىشنىڭ ئاساسىي مەنبەسى ۋە بىلىش تەرەققىياتىنىڭ تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدۇر. يولداش ماۋزېدۇڭ: ئەمەلىيەت بىلىش، يەنە ئەمەلىيەت يەنە بىلىش، بۇ خىل شەكىل چەكسىز دەۋر قىلىپ تۇرىدۇ، دەپ كۆرسەتكەنىدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى مەسىلىسى توغرىسىدىكى مۇھاكىمە ئارقىلىق باشلانغان بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ ئىدىيەۋى لۇشيەنىنى «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش» توغرا يولىغا قايتىدىن كىرگۈزدى. بۇ ئاساستا يەنە جاپالىق ئەمەلىيەت ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق، بىزنىڭ نېمىنىڭ سوتسىيالىزم ئىكەنلىكى، سوتسىيالىزمنى قانداق قۇرۇش كېرەكلىكىگە بولغان ئەقلىي بىلىشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇردى. ئەمەلىيەت ۋە ئىزدىنىش ئالدىغا ھەربىر قەدەم باسقاندا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئالدىغا بىر قەدەم ئىلگىرى سىلجىتىلدى.

  سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى نەزەرىيەسىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى ياخشى بىر مىسال. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، «پىلانلىق ئىگىلىكنى ئاساس، بازار ئارقىلىق تەڭشەشنى قوشۇمچە قىلىش» ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن، «سوتسىيالىستىك تاۋار ئىگىلىكى» ئوتتۇرىغا قويۇلغىچە، ئاندىن «سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى قۇرۇش»قىچە، سوتسىيالىستىك سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىقتىكى نەچچە قېتىملىغان نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشقا شاھىت بولدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا «تېخىمۇ زور دەرىجىدە، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ئۇللۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك»، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ، «بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان قىلىش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك»، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىسلاھات ئەمەلىيىتىگە ئەگىشىپ، پارتىيەمىزنىڭ بازارنىڭ خاراكتېرى، فۇنكىسىيەسى ۋە بازارنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە بولغان تونۇشىمۇ ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندى، چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى.

  ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش بىلەن نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش داۋامىدا ياخشى ھەمتۈرتكە شەكىللەندۈرۈپ، چوقۇم دەۋر ۋە خەلقنىڭ ھەقىقىي ئېھتىياجىنى چىڭ تۇتۇپ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدە مەيدانغا كەلگەن زور تېمىلارغا ۋاقتىدا جاۋاب بېرىپ، ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن ئەمەلىي خىرىسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئەمەلىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى قوچۇپ ۋە چىرماپ كېلىۋاتقان ئىدىيەۋى توسالغۇلارنى زور كۈچ بىلەن تازىلاش لازىم. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىللىق ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى كۆرسەتتىكى: يېڭىلىق يارىتىش بولسا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ جېنى. ئەمەلىيەت تەرەققىياتىنىڭ چېكى يوق، ئىدىيەدە ئازاد بولۇشنىڭ چېكى يوق. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئەمەلىيىتى نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈردى ۋە ئالغا سىلجىتتى، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش بولسا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئەمەلىيىتىگە يەنىمۇ يېتەكچىلىك قىلدى. نەزەرىيەنىڭ كۈچى زور بولۇپ، 18-قۇرۇلتاي مابەينىدە، پارتىيەنىڭ ئىجادكارلىقى، ئۇيۇشۇش كۈچى، جەڭگىۋارلىقى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، بۇ دەل نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنىڭ نامايەندىسىدۇر.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلمىگەن چوڭ ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلمەكتە، ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ جۇڭگو زېمىنىدىكى ئەمەلىيەت تەرەققىياتى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەت خەلقنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەڭپۇڭ بولمىغان، تولۇق بولمىغان تەرەققىيات ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەردى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى دەۋردە قانداق قىلىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قانداق داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي مەسىلىنى زىچ چۆرىدەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى بەرپا قىلىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى يەنە بىر قېتىملىق زور سەكرەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  ئەمەلىيەت بىلەن نەزەرىيەنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ۋە ئىلگىرى سۈرۈش رولى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيانقى بىر مۇھىم يىپ ئۇچىنى شەكىللەندۈردى. بۇ يىپ ئۇچىنى بويلاپ مەسىلە ئېڭى، دەۋر ئېڭى، ئىستراتېگىيە ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مىليونلىغان خەلقنىڭ ئىجادىي ئەمەلىيىتىگە زىچ ئەگىشىپ، ئىنسانلارنىڭ بارلىق مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ ۋە قوبۇل قىلساقلا، دەۋر ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى مەسىلىلەرگە ياخشى جاۋاب بېرىپ، ھازىرقى جۇڭگودىكى ماركسىزمغا تېخىمۇ شانلىق ھەققانىيەت نۇرىنى چاقناتقۇزالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر