باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئاياللار چاي ئىچىپ بەرسە سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

2019.01.17 14:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاي ئىچىش سۆڭەك ساغلاملىقىغا پايدىلىق، بولۇپمۇ ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گېرىپتار بولۇشنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلىتىش رۇلى بار. يېقىندا، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋى سەھىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى لى لىمىڭ ئەترىتى بۇ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.

  سۆڭەكنىڭ كۈچلۈكلۈكى بولسا، سۆڭەكنىڭ زىچلىقى ۋە سۆڭەكنىڭ سۈپىتىگە باغلىق ئىكەن، ھەمدە ئالدىنقىسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %70كە يېتىدىكەن. سۆڭەكنىڭ زىچلىقى بولسا، سۆڭەك مىقدارىنىڭ ئېقىپ كېتىشتەك كېسەللىك جەريانىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىكەن، ھەمدە سۆڭەك سۇنۇشنىڭ خەۋپ-خەتىرىدىن بىشارەت بېرىلەيدىكەن. تەتقىقات كوللېكتىپىنىڭ 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ سۆڭەك زىچلىقىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلار ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ئانالىزلىرىدىن بايقىشىچە، ئۇزاق مۇددەتكىچە چاي ئىچىش ئادىتىنى ساقلاپ كەلگەن ئاياللاردا، سۆڭەكنىڭ زىچلىقى كۆرۈنەرلىك ھالدا تېخىمۇ يۇقىرى بولغان. چاينىڭ دەملىنىش مىقدارى بىلەن سۆڭەك زىچلىقىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەھلىل قىلىش نەتىجىسىدە، تەتقىقاتچى خادىملار مۇنۇلارنى بايقىغانكى، ھەر كۈنى چاي دەملەپ ئىچىش مىقدارى 6 گرامدىن تۆۋەن بولغانلارنىڭ سۆڭەك زىچلىقى ئەزەلدىن چاي ئىچمەيدىغانلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدىكەن. ئەمما، قېنىق چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار (چاي مىقدارى ≥ 6 گرام / كۈن)نىڭ سۆڭەك زىچلىقىدا داۋاملىق كۈچىيىش كۆرۈلمىگەن.

  يەنە بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا، 450نەچچە مىڭ ئادەمنى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشتىن ئېرىشكەن سانلىق مەلۇماتلاردىن بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى چاي ئىچىپ بەرگەنلەرنىڭ سۆڭەك سۇنۇش سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا يېتىپ قېلىشىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى تۆۋەنلەپ كەتكەن، ھەمدە بۇ خىل نەتىجە ئەر ۋە ئاياللار ئىچىدە ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، يېشىل چاي ئىچىدىغانلارنىڭ يانپاش سۆڭىكى سۇنۇپ كېتىپ بالنىستتا يېتىپ قېلىشتەك خەۋپ-خەتەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئېھتىماللىقى %20 تۆۋەنلىگەن، چاي ئىچكىلى 30 يىلدىن ئاشقانلارنىڭ بۇ خىل خەۋپ-خەتەرگە يۇلۇقۇشىنىڭ ئېھتىماللىقى %32 تۆۋەنلىگەن.

  لى لىمىڭ مۇنداق دېدى: نۇرغۇن كىشىلەر چاي تەركىبىدىكى كوففېئىن تەركىبىنىڭ بەدەندىكى كالتىسىينىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كۆپەيتىۋېتىپ، سۆڭەك شالاڭلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ، ئەمما، بىز ھازىرچە تېخى قېنىق چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار ئىچىدە سۆڭىكى سۇنۇپ كىتىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قىلىش خەۋپ-خەتىرىنىڭ يۇقىرىلاپ كەتكەنلىكىنى بايقىمىدۇق. لى لىمىڭ يەنە مۇنداق دېدى: چاينى كۆپرەك ئىچىپ بەرسە، سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدىغانلىقنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشتە، چاينىڭ سۆڭەك زىچلىقىغا تەسىر قىلىش رولى بولىدىغانلىقىدىن باشقا، يەنە بىر خىل ئېھتىماللىقنىڭمۇ بولۇشىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ، يەنى چاي ئىچىش دىققەتنى يىغىش ۋە ھوشيارلىقنى ساقلاشقا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇ يەنە ئېغىر دەرىجىدە يارىلىنىشنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشىمۇ مۇمكىن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر