باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

كاللىسى يوغان بولسا، مېڭە راكىغا گېرىپتار بولۇشنىڭ خېيىم-خەتىرىمۇ چوڭ بولىدىكەن

2019.01.11 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، كاللىسى يوغان بولسا، ئەقىللىق بولىدۇ، دەيدۇ. لېكىن، نورۋېگىيەدىكى بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى سۈپىتىدە، نوپۇزلۇق ژۇرنال «نېرۋا ئۆسمە ئىلمى»دە ئېلان قىلىنغان تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كاللىسى يوغان ئادەمنىڭ مېڭە راكى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ خېيىم-خەتىرىمۇ نىسبەتەن تېخىمۇ زور بولىدىكەن.

  بەزى تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئادەم بەدىنىدىكى ئەزا قانچە يوغان بولسا، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى شۇنچە چوڭ بولىدىكەن. بۇنىڭغا قارىتا خۇلاسىلىگەندە، كاللىسى يوغان ئادەمنىڭ مېڭە راكى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. قارىماققا تولىمۇ بىمەنە بىلىنىدىغان بۇ ئىلمىي مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، نورۋېگىيە پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى خوۋېيگې فېلىن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى نەچچە مىڭ نەپەر نورۋېگىيە ئاھالىسىنىڭ ساغلاملىق سانلىق مەلۇماتى ۋە قان ئەۋرىشكىسىنى تەتقىق قىلغان. بۇ سانلىق مەلۇماتلار 2007- يىلىدىن 2015- يىلىغىچە يامان سۈپەتلىك مېڭە يېلىم ماددىسى ئۆسمىسى سەۋەبىدىن ئوپېراتسىيە قىلىنغان بارلىق بىمارلارنىڭ ئالاقىدار ئەھۋاللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ سانلىق مەلۇماتلارنى ساغلام كىشىلەر توپىنىڭ سانلىق مەلۇماتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەرلەرنىڭ مېڭە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئوخشاش ياشتىكى ئاياللارغا قارىغاندا %70تىن يۇقىرى بولغان، لېكىن، ئەرلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ سىغىمچانلىقى ئادەتتە ئاياللارنىڭكىدىن چوڭ بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلار كىشىلەرنىڭ باش قىسمى ھەجىمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق بايقىشىچە، كاللىسى نىسپىي ھالدا كىچىكرەك بولغان ئاياللارغا قارىغاندا، كاللىسى بىر قەدەر يوغان بولغان ئاياللارنىڭمۇ مېڭە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى چوڭ بولىدىكەن. فېلىن دوكتور تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: كاللىسى يوغان بولغانلىقتىن چوڭ مېڭە سىغىمى قانچە چوڭ بولسا، ئۇ، مېڭە ھۇجەيرىلىرىنىڭ شۇنچە كۆپ ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭدا ھۈجەيرىلەرنىڭ بۆلۈنۈشى تېخىمۇ چوڭ بولۇشى مۇمكىن، ھەمدە مېڭىدە مەسىلە كۆرۈلۈش ھەمدە راكقا ئۆزگىرىش نىسبىتى مۇقەررەر ھالدا ئاشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر