باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئىككى ئۈلۈشكە يەتمەيدىغان كىشىلەر ئەتىگەن تۇرالايدۇ، ئەتىگەن تۇرغان ھايات تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ

2019.01.10 17:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەتىگەندە ئورۇندىن تۇرۇش، بولۇپمۇ قىش كۈنلىرى ئەتىگەندە تۇرۇش كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۈچۈن ناھايىتى قىيىن تۇيۇلىدۇ. كۆپ كىشىلەر «ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرۇش ئەڭ ئىرادە سىنايدىغان ئىش» دەپ چاقچاق قىلىدۇ. ئەتىگەندە بالدۇرراق تۇرالماسلىق نەتىجىسىدە، شۇ بىر كۈن ئالدىراش-تېنەشنىڭ ئىچىدە ئۆتىدۇ، ناشتا قىلىشقا ئۈلگۈرەلمەسلىك، بىر كۈنلۈك پىلان قىلىۋىلىشقا ئۈلگۈرەلمەسلىك، ئىشلارغا ۋاقتى يەتمەسلىك،...قاتارلىقلار، ئەمەلىيەتتە، ئەتىگەن تۇرغاندىكى تۇرمۇش ناھايىتى گۈزەل، ئۇ سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە تۇرمۇشقىمۇ پايدىلىق.

  ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتكەن شۇ بىر ئەتىگەن- «يەتمەي قېلىۋاتقان» شۇ ۋاقىت

  «كەچتە ئۇيقۇسى كەلمەسلىك، ئەتىگىنى قوپالماسلىق»- بۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ھالىتى بولۇپ قالدى. بۇنداق ئادەملەر ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرغاندىن باشلاپ، پۈتۈن كۈن خۇددى «ئوت ئۆچۈرۈشكە چىققاندەك»، تاماقنىمۇ ھاپىلا-شاپىلا ئالدىراپ يەيدۇ، يولدا يۈگۈرۈپ ماڭىدۇ، ئىدارىغا ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ بارىدۇ، خىزمەتتىكى ھالىتى قالايمىقان بولىدۇ. دېمەك، بۇنداق كىشىلەرنىڭ بىر كۈنلۈك ئىشىنىڭ ھەممىسى ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرغاندىن باشلاپلا قالايمىقان ئۆتىدۇ.

  2018- يىللىق «دۇنيا ئۇيقۇ كۈنى»دە ئېلان قىلىنغان مەلۇماتتا دېيىلىشىچە، 90- يىللار ئىچىدە تۇغۇلغان ياشتىكىلەرنىڭ ئۇيقۇ كۆرسەتكۈچى ئۈستىدىكى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان %31.1 كىشىلەر «كېچىكىپ ئۇخلاپ ۋاقچە تۇرۇش»تەك ناچار تۇرمۇش ئادىتىگە كۆنۈپ قالغان. «بالدۇر ئۇخلاپ، بالدۇر تۇرۇش»تەك ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلىيالىغانلار پەقەتلا %17.5 كىشىلەر بولغان.

  ئورنىدىن تۇرۇشى ۋاقچە بولۇش سەۋەبىدىن، شۇ بىر كۈننىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن ئىشلار «كېچىكىش» ۋە «ئالدىراشچىلىق» ئىچىدە ئۆتىدىكەن. ئالدىراپ يۈزىنى يۇيۇش، ئەتىگەنلىك ناشتا قىلىشقىغۇ ھىچ ۋاقىت قالماسلىق قاتارلىقلار... بەزىلەر ئەتىگەندە ساغلام ھالدا ئۆيدە ناشتا قىلىشقا ۋاقىت يەتمىگەنلىكتىن، يولدا خالىغانچە ئۇنى-بۇنى ئېلىپ يەپ ناشتىلىق قىلىش، ياكى يولدا ناشتىلىق يەپ مېڭىش، ھەتتاكى ناشتىلىق ئالىدىغانغىمۇ ئۈلگۈرەلمەي ناشتىلىق قىلمايلا قويۇش، ئاچ قورساق قېلىش دېگەندەك ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىدۇ... دېمىسىمۇ، «ئەتىگەن ۋاقچە تۇرۇپ قېلىپ، ئىشقا كېچىكىپ قالاي دەۋاتسا، ناشتىلىق قىلىدىغانغا نەدىكى ۋاقىت؟ ئەتىگەن ناشتا قىلماسلىققۇ ياخشى ئىش ئەمەس، بىراق ئامال قانچە؟»، ئەتىگەندىكى تۇرمۇش ھالىتىنى سۆزلىگەندە، خىزمەتچى ياش شياۋ جاڭ ئەنە شۇنداق پوزىتسىيە بىلدۈردى. بۇ ھەم نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بولۇشى مۇمكىن.

  2018- يىلى 8- ئايدا ئېلان قىلىنغان «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ ناشتا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات»تا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: %35 ئادەم ھەر كۈنى ناشتىلىق يېيىشكە كاپالەتلىك قىلالمايدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ۋاقتى يېتىشمەسلىك كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ناشتا قىلماسلىقتىكى سەۋەبى ئىكەن. كېچىكىپ ئورنىدىن تۇرۇش ناشتا قىلىشقىلا دەخلى قىلىپلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن بىر كۈنلۈك ئىش ئۈنۈمىگىمۇ تەسىر قىلىدۇ. بىر بولسا داۋاملىق ئىشقا كېچىكىپ قېلىش، خىزمەتكە دەخلى قىلىش، ياكى بولمىسا، ئىشتىن كېچىكىپ چۈشۈپ، ئىشىنى تۈگىتىشكە مەجبۇر بولۇش دېگەندەك. نەتىجىدە، كىشىنىڭ خىزمەتتىن مەمنۇن بولۇش تۇيغۇسى تۆۋەنلەپلا قالماي، ئۆزىنىمۇ قاتتىق چارچىتىۋالىدۇ.

  ئەتىگەن تۇرغان تۇرمۇش، ساغلاملىق ۋە خىزمەت ئۈچۈن ناھايىتى گۈزەلدۇر

  ئىشنىڭ بېشى سەھەردىن. سەھەردىكى ۋاقىت، بىر كۈنلۈك خىزمەتكە ئۇل سالىدىغان ۋاقىت، بۇ ناھايىتى مۇھىم.چەتئەللىك ئالىملار ئىلگىرى بەش يىل تەتقىق قىلىپ، 177 نەپەر قۇرۇق قول ئىش باشلاپ زور ئۇتۇق قازانغان كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىنى تەتقىق قىلغان. ئۇتۇق قازانغانلار ئىچىدىكى %99 كىشىنىڭ ھەممىسىنىڭ سەھەر ئورنىدىن تۇرۇش ئادىتى بولغان. مەسىلەن، لى جياچىڭ 80 ياشتىن ئاشسىمۇ داۋاملىق سەھەر تۇرىدىكەن. ئۇ مەيلى كەچ سائەت قانچىدە ئۇخلىسۇن، چوقۇم سەھەر سائەت 6 دە ئورنىدىن تۇرۇپ، خەۋەر ئاڭلاپ، گولف توپ ئوينايدىكەن، سائەت 8 دىن بۇرۇن ئىشخانىسىغا بېرىپ خىزمەتكە كىرىشىدىكەن. ۋەندا گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ جيەنلىن ئەتىگەن سائەت 7دىلا ۋەندا گۇرۇھىدىكى ئىشخانىسىغا بېرىپ بولىدىكەن، كەچ سائەت 7دە ئىشتىن چۈشىدىكەن. نېمە ئۈچۈن بۇنداق ياخشى زېھنى قۇۋۋىتى بارلىقىنى سورىغاندا، ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن تاماكا چەكمەيمەن، ھاراق ئىچمەيمەن، باشقا ئۇنچىۋالا كۆپ كەچلىك پائالىيەتلىرىممۇ يوق، بۇ بەلكىم مېنىڭ ياخشى بولغان زېھنى كۈچۈمنىڭ بار بولۇشىنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن.»

  سەھەر تۇرۇشنى ئادەت قىلالىغان كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىمۇ ياخشى بولىدۇ. چۈنكى، سەھەر تۇرغان كىشىلەرنىڭ ئادەتتە كېچىدە ئۇخلىماسلىق ئادىتى بولمايدۇ، كەچتە ئۇخلىماسلىقنىڭ بەدەنگە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى ئازلىغاندىن كېيىن، بەدەننىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى ياخشى بولۇپلا قالماي، كىشىنىڭ روھىي ھالىتىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئەنگىلىيە روھانمپتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 1100 نەپەر ئەر-ئايالغا قارىتا ئېلىپ بارغان ساغلاملىق ۋە ئۇيقۇ ئادىتى تەكشۈرۈشىدە مۇنداق نەتىجىگە ئېرىشكەن: ئەتىگەن سائەت 7دىن بۇرۇن ئورنىدىن تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ خامۇشلۇق كېسىلى ۋە تەشۋىشلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشى ھەممىدىن تۆۋەن بولۇپ، فىگۇرىسىمۇ بىر قەدەر ياخشى بولىدىكەن. كۆپلىگەن كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئوخشاشلا 8 سائەتلىك ئۇيقۇ ۋاقتى، ئەمما كەچ سائەت 11 دىن باشلاپلا ئۇخلاش بىلەن يېرىم كېچە سائەت 1دە ئۇخلاشنىڭ تۇيغۇسى ۋە نەتىجىسى تامامەن ئوخشىمايدىكەن.

  ئەلۋەتتە، ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرغاندا، ناشتا قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ تولۇق ۋاقتى بولىدۇ، ھەمدە ئەتىگەندە چوڭ تەرەت ئارقىلىق بەدەندىكى زەھەرنى تازىلاپ چىقىرىۋېتىش ئادىتىنى شەكىللەندۈرگىلى، ھەم شۇنداقلا مۇۋاپىق ھالدىكى تەنھەرىكەت ھەرىكەتلىرىنى قىلىپ، بەدىنىنى ئەڭ ياخشى ھالەتكە تەڭشىگىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى سەھەر تۇرۇشنىڭ پايدىسىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر