باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئېغىزدا پۇراق بار بولسا، ئىچكى ئەزالار تەڭپۇڭسىزلانغان بولۇشى مۇمكىن

2019.01.04 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  خۇنەن جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانا ئېغىز بوشلۇقى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى زوۋ لىخۇا، جۇ كېكې: ئادەمنىڭ تەم سەزگۈسى يېمەكلىكلەرنىڭ ھەر خىل تەمىگە ھۆكۈم قىلالايدۇ. لېكىن كۈندىلىك تۇرمۇشتا، دائىم بىر خىل غەلىتە ھادىسە بار، يەنى تاماق يېمىگەن تەقدىرىدىمۇ، ئېغىز بوشلۇقىدا بەزىدە يەنىلا غەلىتە پۇراق پەيدا بولىدۇ، مەسىلەن ئېغىز چۈچۈمەللىشىش، ئېغىز ئاچچىق بولۇش قاتارلىقلار. بەزىلەر بۇنى ئىنتايىن نورمال دەپ قارايدۇ، لېكىن جۇڭگو تېبابىتىنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل غەيرىي پۇراق ئىچكى ئەزالار ئىقتىدارىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىنىشى ياكى كېسەللىك ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.

  1. ئېغىزى تاتلىق بولۇپ قېلىش. ئېغىز تاتلىق بولۇپ قېلىش دائىم ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەر خىل ھەزىم فېرمېنتى ئاجرالمىلىرىنىڭ نورمالسىزلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، سەۋەبى شۆلگەي تەركىبىدىكى ئامىلازا مىقدارى كۆپىيىپ، تىل ئۈستىدىكى تەم سەزگۈسىنى غىدىقلىغانلىقتىن ئېغىز تاتلىق بولۇپ قالىدۇ. جۇڭگو تېبابىتىدە، «تال ئىسسىق بولسا، ئېغىز تاتلىق بولۇپ قالىدۇ»، دەپ قارىلىدۇ، يەنى ئېغىزنىڭ تاتلىق بولۇشى تالنى ئىسسىق تۇتۇپ كەتكەنلىكتىن بولۇپ، بۇ يەنە ئەمەلىي ئىسسىق بىلەن مەۋھۇم ئىسسىق دەپ ئايرىلىدۇ.

  2. ئېغىزى قىرتاق بولۇپ قېلىش. ئېغىزى قىرتاق بولۇپ قېلىش ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ مېتالبولىزم نورمالسىزلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بەدەندىكى جىگەر-ئۆتنى دىمىق ئىسسىق تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. يېمەك- ئىچمەكتە ئاچچىق، مايدا پىشۇرغان، كاۋاپ قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش، سوغۇقلۇق شورپا قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىچىش لازىم.

  3. ئېغىز چۈچۈمەللىشىش. ئېغىز چۈچۈمەللىشىش بولسا تال ۋە ئاشقازان قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىپ، جىگەرنى ئىسسىق تۇتۇۋالغانلىقىنىڭ تىپىك ئىپادىسى، بەزىدە يەنە ئاسان ئاچچىقلىنىش، باش ئاغرىش ۋە قېيىش، كىچىك تەرىتى سېرىق كېلىش، چوڭ تەرەت قۇرۇق كېلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

  4. ئېغىزى تۇزلۇق بولۇپ قېلىش. ئەگەر ئاغزى دائىم تۇزلۇق بولۇپ قالسا، بۇنى بەلكىم بۆرەك سۇيۇقلۇقى ئېشىپ كېتىش كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. كىلىنىكىدىن قارىغاندا، زىيادە چارچاش، ياشىنىپ ئاجىزلاپ قېلىش، ئۇزاق ئاغرىشنىڭ ھەممىسى بۆرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، بۆرەك مەنپىي ئاجىزلىقىغا گىرىپتار بولغانلار ئاچچىق، قۇرۇق ئىسسىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىشى لازىم، بەزى مۇئەننەسلىكنى قۇۋۋەتلەپ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان قورۇمىلارنى دائىم يېيىشكە بولىدۇ.

  دېققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئېغىز بوشلۇقىدىكى غەيرىي پۇراقنى يوقىتىشنىڭ ئاچقۇچى يەنىلا بىرلەمچى كېسەللىكنى داۋالاش تەكلىپى بېرىلىدۇ. ئاۋۋال دوختۇرخانىغا بېرىپ ئېنىق دىياگنوز قويدۇرۇش لازىم. ئەگەر چىش چىرىش، چىش ئەتراپى ياللۇغى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسا، چىش كېسىلىنى ئالدى بىلەن داۋالاش، بۇزۇلغان چىشنى داۋالىتىش ياكى يۇلدۇرۇۋېتىش، تۈزەش ناچار بولغان قىسمىنى تېزدىن تۈگىتىش لازىم. ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە چىش چوتكىلاش، تاماقتىن كېيىن ئېغىز چايقاش كېرەك، سۈنئىي چىشنى ھەر قېتىملىق تاماقتىن كېيىن ئېلىپ يۇيۇش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر