باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

يۆتىلىشنىڭ بىلىشكە تېگىشلىك قائىدە-يوسۇنلىرى

2019.01.04 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قىش كۈنلىرى، يۆتىلىش ۋە چۈشكۈرۈش دائىم ئۇچرايدىغان ئەھۋال بولۇپ، ئۇ، ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن بەلگىلىك قوغداش رولىغا ئىگە، چۈنكى ئۇ نەپەس يولىنىڭ پاكىز ۋە راۋان بولۇشىنى ساقلاپ قالىدۇ. لېكىن، ئەگەر ئۇ يۆتىلىش ۋە چۈشكۈرۈش ئىشى نەپەس يولى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەمدە كۆرۈلسە، ئۇنداق كىشىنىڭ بەدىنىدىكى كېسەللىك باكتېرىيىسى ھاۋاغا تارقىلىپ كېتىپ، نەق مەيداندىكى كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  بەزى كىشىلەر بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا، يۆتىلىش ۋە چۈشكۈرۈش كۆپىنچىسى زۇكام بولغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ، يۇقۇپ قالسىمۇ ھېچ نېمە بولمايدۇ، شۇڭا، ئۇنچىۋالا پەرۋا قىلىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، دەپ قارايدۇ، ئەمما ئۇنىڭ باشقىلارغا ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ. زۇكام ئادەتتە ۋىرۇستىن ياكى مىكوپلازما يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. قارشىلىق كۈچى كۈچلۈك بولغان بىر ساغلام ئادەم ئەگەر زۇكام بولغان كىشى بىلەن ئۇچراشسا، دەرۋەقە ئۇنداق كىشىگە ۋىرۇس يۇقماسلىقى مۇمكىن. ئەمما، ياشانغانلار ۋە ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز بولغان بەزى بىمارلار، يەنى، دىئابېت كېسىلى ۋە سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى دېگەندەك كېسەللەرگە گېرىپتا بولغان بىمارلار ئادەتتىكىچە زۇكام بولغان كىشىلەر بىلەن ئۇچراشسىمۇ، ئۇنداق كىشىلەر ئاسانلا باشقىلاردىكى زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ، ئۇلاردا ئۆپكە ياللۇغى، يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغى ۋە مېڭە پەردە ياللۇغى دېگەندەك كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

  زۇكامدىن باشقا يەنە يۆتەلمۇ بەلكىم يۇقۇملۇق كېسەللىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئەگەر بىر ئادەم ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمار بولسا، ئۇ بىمارمۇ يۆتىلىدۇ، ئۇنداق ئادەمنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىمۇ زۇكامغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ئەڭ باشتا ئۆزىنىڭ شۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ، يەنىلا "بۇ بىر ئادەتتىكى زۇكام." دەپ ئويلايدۇ. بۇنداق بىمارلار ئەگەر ئاممىۋى سورۇنلاردا يۆتىلىپ، يەرگە قالايمىقان تۈكۈرسە، ئۆزىدىكى ۋىرۇسنى باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويىدۇ.

  شۇڭا، ئەگەر يۆتىلىشتىكى قائىدە-يوسۇنلارغا دىققەت قىلىنسا، ئۇ بىر تەرەپتىن شۇ كىشىنىڭ شەخسىي ساپاسىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەشكە پايدىلىق، يەنە بىر تەرەپتىن شۇ كىشىنىڭ باشقىلارنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ مەسئۇلىيەتچان ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەشكىمۇ پايدىلىق. ئەگەر سىزدە يۆتىلىش ۋە چۈشكۈرۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، كۈندىلىك تۇرمۇشتا مۇنۇلارغا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك:

  1. باشنى تۆۋەن قىلىپ، باشقىلاردىن نېرى تۇرۇپ، قولياغلىق ياكى قەغەز بىلەن يۈزىڭىزنى توسىۋېلىشىڭىز كېرەك. بۇ، تۈكۈرۈك چاچراندىلىرىنىڭ باشقىلارغا چاچراپ كىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر.ئەمما، قولىڭىز بىلەن ھەرگىز بۇرۇن ۋە ئېغىزىڭىزنى ئېتىۋالماڭ،چۈنكى، ئۇنداق قىلغاندا،ھاۋا ئېقىمى ئارقىلىق پۈركۈپ چىقىلغان باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسلار تەتۈر بېسىم بىلەن نەپەس يولىغا قايتىپ كىرىپ، قۇلاق بوشلۇقىغا كىرىپ كېتىپ، قۇلاق پەردىسىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى ۋە مېڭە پەردە ياللۇغى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  2. سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقىۋېلىشىڭىز كېرەك. زۇكامداپ قالغان بولسىڭىز ياكى نەپەس يولى كېسىلىڭىز بولسا، ئامال بار سىرتقا چىقماسلىقىڭىز، باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىنى ئازايتىشىڭىز كېرەك، ئەگەر چوقۇم سەپەرگە چىقماقچى بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى ماسكا تاقىۋېلىشىڭىز كېرەك.

  3. ئۇدۇل كەلگەن يەرگە تۈكۈرمەسلىكىڭىز كېرەك. ئەگەر بەلغەم تۈكۈرمەكچى بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى لۆڭگە ياكى قولياغلىق بىلەن بەلغەمنى ئوراپ، ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىڭ، ياكى ئۆزىڭىز ئېلىپ كىتىپ، ئىشتىن كېيىن تازىلاپ بىر تەرەپ قىلىڭ.

  4. باشقىلار بىلەن خالىغانچە قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەڭ. نەپەس يولى كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا، قولىڭىزدىمۇ باكتېرىيە ئېلىپ يۈرگەن بولۈشىڭىز مومكىن، بولۇپمۇ چۈشكۈرگەن ياكى يۆتەلگەندىن كېيىن، چوقۇم ۋاقتىدا قولىڭىزنى يۇيۇشىڭىز كېرەك.

  5. ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا دىققەت قىلىڭ. مەيلى ئۆيىڭىزدە بولۇڭ ياكى ئىشخانىڭىزدا بولۇڭ، مۇۋاپىق ھالدا ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرغاندا، ساپ ھاۋانىڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، ھەمدە ئۆي ئىچىدە كېسەللىك مىكوپىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. لېكىن، قىش پەسلىدە ھاۋا ئالماشتۇرغاندا، چوقۇم تۇرغان جايىڭىزنىڭ ئىسسىق ساقلىنىشىغا دىققەت قىلىپ، كېسەلنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېلىشتىن ساقلىنىشىڭىز كېرەك.

  6. ۋاقتىدا داۋالىنىشىڭىز كېرەك. ئەگەر يۆتىلىش ۋە چۈشكۈرۈش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا بولسا، بالدۇرراق داۋالىتىپ، كېسەللىك سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، دەرھال داۋالىنىشىڭىز لازىم، چۈنكى، ئۇنداق قىلىش ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق، ھەمدەشۇ ئارقىلىق يۇقۇملىنىشنى ئازايتىقىلىمۇ بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر