باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

شىرئەلىنىڭ ئېرىشكەن ئۈچ نومۇرلۇق توپى خۇۋېيدوڭدىن ئېشىپ كەتتى، گۇاڭجۇ كوماندىسى 40 نومۇر ئۈستۈنلۈك بىلەن تيەنجىن كوماندىسىنى يەڭدى

2018.12.29 19:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: CBA ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقىسىنىڭ تۈنۈگۈن كەچ ئېلىپ بېرىلغان ئايلانما مۇسابىقىسىدە، گۇاڭجۇ كوماندىسى ئۆز مەيدانى خەلقئارالىق تەنتەربىيە مەدەنىيەت مەركىزى ئويۇن قويۇش زالىدا 144 : 104 نومۇر بىلەن مېھمان كوماندا تيەنجىن كوماندىسىنى يەڭدى. مۇشۇ شەنبە كۈنى گۇاڭجۇ كوماندىسى داۋاملىق ساھىبخان بولۇپ، يېڭىدىن تىرېنېر ئالماشتۇرغان چىڭداۋ كوماندىسىنى كۈتۈۋالىدۇ.

  ئېيتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى گۇاڭجۇ كوماندىسىنىڭ ماھىرى شىرئەلى ئالدىنقى ئايلانما مۇسابىقىدە، ئۆزىنىڭ 876-قېتىملىق ئۈچ نومۇرلۇق توپىنى چۈشۈرۈپ، جياڭسۇنىڭ داڭلىق ۋاسكېتبول ماھىرى خۇۋېيدۇڭنىڭ رېكورتى بىلەن تەڭلىشىپ، CBAدا 13-ئورۇنغا تىزىلغانىدى. تۈنۈگۈن 2-چارەك مەيداندا، ئۇ بىر ئۈچ نومۇرلۇق توپ چۈشۈرگەندىن كېيىن، خۇۋېيدۇڭنىڭ رېكورتىنى بۇزدى. پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدە، شىرئەلى ئۈچ دانە ئۈچ نومۇرلۇق توپ چۈشۈرۈپ، كەسپىي ھاياتىدا چۈشۈرگەن ئۈچ نومۇرلۇق توپ سانىنى 879غا يەتكۈزدى. نۆۋەتتە ئۇ تىزىملىكتىكى 12-ئورۇندا تۇرۇۋاتقان چېن لېي (883) كە قارىغاندا يەنە تۆت قېتىملىق ئۈچ نومۇرلۇق توپ سانى كام.

  شىرئەلى مۇسابىقىدىن كېيىن مۇنداق دېدى: بۇ يىل ماڭا CBA دىكى 11-يىل، ئالدىنقى يىللىق مۇسابىقە پەسلى مەن ئۈچ نومۇرلۇق توپ چۈشۈرگىچىلەر تىزىملىكىگە دىققەت قىلغانىدىم. ئۈچ نومۇرلۇق توپ بىلەن مۇداپىئە قىلىش بۇ مېنىڭ تېخنىكىلىق ئالاھىدىلىكىم. كەسپىي توپچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بەلگىلىك تۈردە ئۆزۈمنىڭ ئىزىمنى قالدۇرالىشىم بۇ مەن ئۈچۈن بىر شەرەپ. بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ بېشىدا مەن ئازراق ئالدىراپ قالدىم، كېيىن ئاستا-ئاستا توپ تاشلاشتىكى مۇۋاپىق ھالەتكە قايتىپ، كوماندىنىڭ يېڭىشىگە ياردەم قىلدىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر