باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىدىن كېيىن يۈرەك زەئىپلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك

نەنجىڭ گۇلۇ دوختۇرخانىسى يۈرەك قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ كاندىدات مۇدىر ۋراچى ۋاڭ ليەن، مەسئۇل ۋراچى جاڭ شىنلىن

2018.12.29 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئون مىڭ كىشى ئىچىدە 80ى بار ھالەتتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ياشلاردا گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. دىققەت قىلىشقا تېخىمۇ ئەرزىيدىغىنى شۇكى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كېسەللىكىنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك بولۇپ، ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزىدۇ، قۇتقۇزۇلغاندىن كېيىن بەلكىم ھەر خىل ئەگەشمە كېسەللىكلەرگە دۇچ كېلىشى مومكىن.

  يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى پەيدا بولغانلىقنىڭ بىۋاستە ئىپادىسى بولسا، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى تۇيۇقسىز ئۈزۈلۈپ قېلىش بولۇپ، بۇنىڭدا پەقەت 30 مىنۇت ئىچىدىلا، يۈرەك مۇسكۇل ھۈجەيرىسىنىڭ نېكروزلىنىشى باشلىنىدۇ ھەمدە بۇ خىل ھۈجەيرە يۈرەك مۇسكۇلىدا قايتا پەيدا بولمايدۇ، ئاقىۋەتتە، ئۇنىڭدىن قېلىپ قالغان تارتۇق يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئورنىنى ئىگەللەپ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قىسقىرىش كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ كۆلىمى قانچە چوڭ بولسا، يۈرەك زەئىپلىشىشنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. تەكشۈرۈشتىن ئېرىشكەن سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى يۈز بېرىپ بىر يىلدىن كېيىن، يۈرەك زەئىپلىشىشنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى %23.4تىن %25.4كىچە يېتىدىكەن؛ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ساقايغاندىن كېيىنمۇ يۈرەكتە مۇقىمسىز ھالدا سانچىق پەيدا بولىدىغانلاردا بىر يىلدىن كېيىن يۈرەك زەئىپلىشىش يۈز بېرىشنىڭ نىسبىتى %16كە يېتىدىكەن.

  يۈرەك زەئىپلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، بىر قانچە جەھەتتىن تۇتۇش قىلىش كېرەك.

  ئالدى بىلەن، يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، يۇقىرى قان بېسىمى، قاندا ماي ئېشىپ كېتىش ۋە دىئابېت كېسىلى قاتارلىقلارنى ئاكتىپ كونترول قىلىش ھەمدە داۋالاش كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، يۈرەك تىقىلمىسى قوزغالغان ھامان، مۇۋاپىق قۇتقۇزۇشقا تېزدىن ئېرىشىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، قان تومۇرنى قانچە بالدۇر ئېچىپ، قان بىلەن تەمىنلەشنى شۇنچە تېز ئەسلىگە كەلتۈرسە، كېيىنكى كۈنلەردە يۈرەك زەئىپلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ خەۋپى شۇنچە ئازىيىدۇ.

  ئۈچىنچىدىن، كىشىلەر چوقۇم يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈشى كېرەك، مەسىلەن،ئەگەر دەم سىقىلىش ۋە كۆكرىكى ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا بولۇپ، ئۇ خىل ئەھۋال بىر قانچە مىنۇتقىچە داۋاملىشىپ يەنە پەسەيمىسە، بولۇپمۇ تەرلەش ۋە چىرايى تاتىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، 120گە تېلېفون قىلىپ، ۋاقتىدا كۆكرەك ئاغرىشنى داۋالاش مەركىزىگە بېرىپ داۋالىنىپ، كېسەلنى كېچىكتۈرۈشتىن ساقلىنىش كېرەك؛

  تۆتىنچىدىن، چوڭ دوختۇرخانىلار چوقۇم كۆكرەك ئاغرىشنى داۋالاش كەسپى ئەترىتىنى تەسىس قىلىپ ۋە 24 سائەت بۇيرۇق كۈتۈش ھالىتىدە تۇرۇپ، كىسەلنى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنى داۋالاشنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك يېشىل يولى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  بەشىنچىدىن، جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ياخشىلانغاندىن كېيىن، چوقۇم دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە قېلىپلاشتۇرۇلغان ھالدا ئۇزۇن مۇددەت دورا ئىچىش كېرەك، چۈنكى، بۇنداق قىلىشنىڭ ئۇ خىل ئەھۋالنىڭ قايتىلىنىشىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى ئازايتىپ، يۈرەكنىڭ قايتا زەئىپلىشىشىنىڭ ئىلگىرىلىشىنى يەڭگىللىتىشكە پايدىسى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر