باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۇخلىيالمىغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ 13 چارە سىزنى ياخشى ئۇخلىتىدۇ

زىيارەتنى قوبۇل قىلغان مۇتەخەسسىس __ گۇاڭجۇ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى بىرىنچى دوختۇرخانا كىلىنىكا پىسخولوگىيە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى يۈ جىنلوڭ

2018.12.29 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۇيقۇسىزلىق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان مەسىلە. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، جۇڭگودىكى ئاساسلىق شەھەرلەردىكى كىشىلەرنىڭ ئۇيقۇسىزلىق نىسبىتى %45كە يېتىدىكەن. گۇاڭجۇ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانا كىلىنىكىلىق پسىخىكا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى يۈ جىنلوڭ كۆپچىلىكنىڭ ئۇيقۇسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەۋسىيە قىلىدىغىنى نوقۇل ھالدا ئۇيقۇ دورىسى يېيىشتەك بۇنداق ئاددىي ئەمەس.

  مۇدىر يۈ جىنلوڭ بىلىش ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاشنى تەۋسىيە قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇسۇل چوڭ مېڭىدىكى نورمال بىيولوگىيەلىك سائەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، ئۇيقۇسىزلىقتىن تەشۋىشلىنىشنى پەسەيتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيقۇسىزلىقنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، سوزۇلما ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاپ، ئۇيقۇ دورىسىغا تايىنىشتىن قۇتۇلدۇرىدۇ.

  1. كەچتە كارىۋاتقا چىقىش ۋاقتى بەك كېيىن بولماسلىقى ھەم بەك بالدۇر بولۇپ كەتمەسلىكى لازىم (ئادىتىڭىز، تۇرۇۋاتقان جايىڭىز ۋە يېشىڭىزغا ئاساسەن ئازراق تەڭشەشكە بولىدۇ)، ئۇيقۇڭىز كەلگەندە ئاندىن كارىۋاتقا چىقىڭ.

  2. ئۇخلاشتىن باشقا ئىشلارنى كارىۋاتتا قىلماڭ. (كىتاب، كىنو، تېلېۋىزور كۆرۈش، يان تېلېفون ئويناش دېگەندەك ئىشلارنى كارىۋاتتا قىلماڭ).

  3. ئۇخلىغاندىن باشقا ۋاقىتتا، ئادەتتە ياتاق ئۆيگە ئامال بار كىرمەڭ، بۇنداق بولغاندا كارىۋات، ياتاق ئۆي ۋە كارىۋاتقا چىقىش ۋاقتىدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ ئامىل بىلەن ئۇيقۇ ئوتتۇرىسىدا تۇتىشىش ھاسىل قىلىپ، شەرتلىك رېفلېكس بەرپا قىلغىلى بولىدۇ.

  4. ئۆزىڭىزنى ئۇخلاشقا مەجبۇرلىماڭ، تەبئىي قويۇۋېتىڭ، ھەمىشە قوڭغۇراقلىق سائەتكە قارىماڭ، يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ كەتكەندىمۇ ھەم شۇنداق.

  5. ئەتىگەندە دەل ۋاقتىدا ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ، بۇنداق بولغاندا بىيولوگىيەلىك سائەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىغىلى بولىدۇ.

  6. چۈشتە كۆپ ئۇخلىماڭ، 30 مىنۇت ئىچىدە بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ، قانداقلا بولسۇن 45 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ چۈشلۈك ئۇيقۇ ۋاقتى بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. بولۇپمۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئۇخلىغان ياكى ئۇخلىمىغان بولۇڭ، ئورنىڭىزدىن تۇرۇشىڭىز لازىم.

  7. كارىۋاتتىكى ۋاقتىڭىزغا چەك قويۇڭ، قانداقلا بولسۇن، ئۇيقۇسىزلىقتىن بۇرۇنقى ئومۇمىي ئۇخلاش ۋاقتىڭىزدىن ئېشىپ كەتمىسۇن (ھەپتە ئاخىرى، دەم ئېلىش كۈنلىرىمۇ ئوخشاش).

  8. باشقا ۋاقىتلاردا ناھايىتى سەگەك، روھلۇق ھالەتنى ساقلاش، ئۇخلاپ قېلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

  9. ئەگەر ئالدىنقى كۈنى كەچتە ياخشى ئۇخلىيالمىغان بولسىڭىزمۇ، ئەتىسى ھەرگىز ئۇخلاپ تولۇقلىماڭ.

  10. ئۇخلاشتىن بۇرۇن مۇھىم ئىشلارنى ئالدىن ئويلىشىۋېلىڭ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن زىيادە ھاياجانغا سالىدىغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانماڭ؛ ھاراق، قەھۋە، چاي ئىچمەڭ، ئاسان ھەزىم بولمايدىغان يېمەكلىكلەرنى يېمەڭ، كۆپ مىقتاردا سۇ ئېچمەڭ، سۈت ياكى شېكەرلىك يېمەكلىكلەرنى ئىچىشكە بولىدۇ؛ ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىلمان سۇدا يۇيۇنسىڭىز بولىدۇ.

  11. ياخشى ئۇخلاش مۇھىتى ھازىرلاڭ، مەسىلەن يورۇقلۇقنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، تىنچ، سالقىن، ئازادە مۇھىتنى تاللاڭ.

  12. بىلىش ئىقتىدارى ئارقىلىق داۋالاش جەھەتتە، ئۇيقۇغا بولغان ئەندىشىنى تۈگىتىشىڭىز كېرەك، ئۇيقۇغا بولغان ئۈمىدىڭىزنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇيقۇسىزلىقنىڭ ئاقىۋىتىگە ئاقىلانىلىك بىلەن قاراپ، ئۇخلىيالماسلىقىڭىزنىڭ سەۋەبىنى ئەقلىي تەھلىل قىلىپ، كەيپىياتىڭىزنى كونترول قىلىڭ.

  13. مورىتاچە داۋالاش ئۇسۇلى: بەش ئىشنى كۆپ قىلىش، بەش ئىشنى قىلماسلىق. بەش ئىشنى كۆپ قىلىش مۇنۇلار: كۆپرەك ئىش قىلىش، كۆپ ھەرىكەت قىلىش، كۆپرەك ئويناش، قىزىقىش-ھەۋەسلىرى كۆپ بولۇش، كىشىلەر بىلەن كۆپرەك ئىجتىمائىي ئالاقە قىلىش. بەشنى قىلماسلىق: ئۆزىگە بەك يۇقىرى تەلەپ قويماسلىق، ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە بەك چوڭ ئۈمىد باغلىماسلىق، سىرتقى مۇھىتقا بولغان ئۈمىدى بەك يۇقىرى بولماسلىق، ئامال بار باشقىلار بىلەن بەسلەشمەسلىك، بەك خىجىلچان بولماسلىق قاتارلىقلار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر