باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەنگە چۈشكەندە، يۈرەك كېسىلى كۆپ قوزغىلىدۇ

2018.12.19 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھازىر دەل زىمىستان قىش مەزگىلى، مۇشۇنداق مەزگىلدە، بەدەننى سوغۇقتىن قوغداپ ئىسسىق ساقلاش بەك مۇھىم. شۋېتسىيە ئالىملىرىنىڭ بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، سوغۇق ھاۋادا يۈرەك كېسىلى ئاسانلا قوزغىلىپ قالىدىكەن.

  شۋېتسىيە لۇند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 1998- يىلىدىن 2013- يىلىغىچە، شىۋېتسىيەنىڭ مەملىكەتلىك ھاۋارايى ئەھۋالى ۋە يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى قاتارلىقلار ئۈستىدە سېلىشتۇرۇش ۋە تەھلىل قىلىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇنىڭدا، تەتقىق قىلىش ئەۋرىشكىلىرى ئۈچۈن، 50 ياشتىن 89 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى 274 مىڭ نەپەر شۋېتسىيەلىك كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەكشۈرۈش ئوبيېكتلىرىنى تاللاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە شۇنى بايقىغانكى، قىش پەسلىدە يۈرەك كېسىلى كۆپ قوزغىلىدىكەن، بولۇپمۇ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى نۆل گرادۇستىن تۆۋەن بولغاندا، يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش ئېھتىمالى %10تىن ئاشىدىكەن، باھار كىرگەندىن كېيىن تېمپېراتۇرا 3، 4 سېلسىيە گىرادۇس ئۆرلىگەندە، يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى تۆۋەنلەشكە باشلايدىكەن.

  لۇند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى داۋىد پىروفېسسورنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەر خىل كىلىماتلىق شارائىتلار، ھەم تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولۇش، ئاتموسفېرا بېسىمى تۆۋەن بولۇش، كۈچلۈك شامال چىقىش ۋە قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى قىسقا بولۇش دېگەندەك بۇ بىر قانچە خىل ئامىللار يۈرەك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە قوزغىلىپ قېلىشىغا زامىن بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇنىڭغا چېتىشلىقى ئەڭ كۈچلۈك بولغىنى دەل تۆۋەن تېمپېراتۇرا بولۇپ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى مۇنداق تۆت نۇقتىدا ئىكەن: 1. سوغۇق ھاۋا رايى قان تومۇرلارنى تارلاشتۇرۇپ، يۈرەكنىڭ ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىشىنى چەكلەيدىكەن. 2 . قىشتا زۇكام ۋە تارقىلىشچان زۇكاملار كۆپ يۈز بىرىدىغان مەزگىل بولغاچقا، بەدىنى ئاجىز ئادەملەر يۈرەك كېسىلىنىڭ ھۇجۇمىغا تېخىمۇ ئاسان ئۇچرايدىكەن. 3. ھاۋا سوۋۇپ كەتسىلا، كىشىلەر ئادەتتە ھەرىكەت قىلىشنى خالىمايدۇ، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتتا كىشىلەرنىڭ يۇقىرى ياغلىق يېمەكلىكلەرگە بولغان ئېھتىياجى ئېشىپ كېتىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، كۆپ يەپ ئاز ھەرىكەت قىلشمۇ كىشىلەرنىڭ بەدىنىنى ناچارلاشتۇرۇۋېتىدۇ. 4. قىش پەسلىدە قۇياشنىڭ يورۇتۇش مىقدارى ئازىيىپ، ئادەم بەدىنىگە قوبۇل قىلىنىدىغان ۋىتامىن Dنىڭ مىقدارىمۇ يېتەرلىك بولمايدۇ، بۇمۇ يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ.

  داۋىد پىروفېسسور مۇنداق تەكلىپ بەردى: يۈرەك كېسىلى يۇقىرى دەرىجىدە خەتەرلىك بولغان كىشىلەر توپىدىكىلەر قان تومۇرنى كېڭەيتىدىغان دورىلار ئارقىلىق، سوغۇق ھاۋانىڭ يۈرەككە بولغان يامان تەسىرىنى پەسەيتسە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر