باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

دىققەت: بۇ بىر نەچچە خىل مېۋىنىڭ ئۇرۇقىنى ئەڭ ياخشىسى يېۋەتمەڭ

2018.12.10 17:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خېيلوڭجياڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خۇنەننىڭ چاڭشادىكى شياۋ ئەپەندىم ئاپېلسىن يېيىشنى بەك ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ھەر كۈنى 10 نەچچە تال ئاپېلسىن يەيدىكەن، لېكىن ئاۋارىچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇرۇقىنى تۈكۈرۈۋەتمەيدىكەن، ئاخىرى يەنە 20 جىڭ ئاپېلسىن يېگەندىن كېيىن، دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان. X نۇرىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، زور مىقداردىكى ئاپېلسىن ئۇرۇقىنىڭ ئۈچەي يولىدا يىغىلىپ قالغانلىقى بايقالغان بولۇپ، بەلكىم ئاشقازاننىڭ كېرىلىش كۈچىنىڭ بارغانسېرى چوڭىيىپ، قان يېتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، ئەگەر ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا يەنە قان چىقىپ، ھاياتى خەۋپكە ئۇچرىشى مۇمكىن بولغانلىقتىن، چوقۇم دەرھال چىقىرىۋېتىش كېرەك بولغان. ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ داۋالاش ئۈچۈن، داۋالاش خادىملىرى ھەتتا قولدا تازىلىغان، ھازىر شياۋ ئەپەندىنىڭ ھاياتى خەتەردىن قۇتۇلغان.

  نۇرغۇن كىشىلەر مېۋە-چېۋىلەرنى چوڭ-چوڭ چىشلەپ يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، چايناپ ئىزىپلا يۇتىدۇ، ئۇرۇقى ۋە مېغىزى بار-يوق بولۇشى بىلەن كارى بولمايدۇ؛ يەنە بەزىلەر ئوزۇقلۇقشۇناسلىق نۇقتىسىدىن چىقىپ، مېۋىلەرنىڭ ئۇرۇقى تەركىبىدە ئوزۇقلۇق بار، ئىسراپ قىلىشقا بولمايدۇ، دەپ قاراپ، بىۋاسىتە يەۋىتىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قىلمىش ئىنتايىن خەتەرلىك!

  يۈلىن شەھەرلىك 2-خەلق دوختۇرخانىسى ھەزىم قىلىش ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن شىچى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تاۋۇز ئۇرۇقى، ئۆزۈم ئۇرۇقى، گىلاس ئۇرۇقى، ئالما ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى بەزىدە ئاز مىقداردا يەپ قويغانغا ھىچقىسى يوق؛ لېكىن ئەگەر داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق رولى ئۈچۈن ئالايىتەن مېۋە ئۇرۇقى يېيىشنىڭ ئانچە چوڭ رولى يوق بولۇپلا قالماي، بەزىلىرى ھەتتا سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

  بىرىنچى، ئۈزۈم ئۇرۇقى

  ئۈزۈم ئۇرۇقى تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇقنىڭ سۈمۈرۈلۈشى قىيىن، ئەگەر چايناپ ئىزىۋەتكەندە، قوبۇل قىلىنىدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ مىقدارى بەك ئاز بولۇپلا قالماي، يەنە بىر خىل قىرتاق تەمى بار. چۈنكى ئۈزۈم ئۇرۇقى تەركىبىدىكى كۆپ مىقداردىكى تاننىن ماددىسى تىل، ئېغىز بوشلۇقى ۋە قىزىلئۆڭگەچ يۈزىدىكى ئاقسىلنى قاتۇرىۋېتىدۇ.

  ئىككىنچى، ئانار ئۇرۇقى

  ئانار ئۇرۇقى تەركىبىدە مەلۇم مىقداردا مېۋە كىسلاتاسى بار بولۇپ، ئاشقازاننى يارىلاندۇرۇشى مۇمكىن.

  ئۈچىنچى، گىلاس

  گىلاس ئۇرۇقچىسى مىجىلسا، چاينالسا ياكى پەقەت يېنىك زەخىملەنسىمۇ ھىدروسىيانىك كىسلاتا ھاسىل قىلىپ، باش ئاغرىش، باش قېيىش، ئوي پىكىرى چېچىلىش، يۈرىكى تەشۋىشلىنىش ۋە قۇسۇش قاتارلىق يېنىك زەھەرلىنىش كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. زور مىقداردىكى زەھەرلىك ھىدروسيانىد كىسلاتاسى نەپەسلىنىش قىيىن بولۇش، يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك سوقۇشى زىيادە تېز بولۇش، شۇنىڭدەك بۆرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا رېئاكسىيەلەر ھوشىدىن كېتىش، تارتىشىپ قېلىش، ئەڭ ئېغىر بولغاندا نەپەس سىستېمىسى زەئىپلىشىش سەۋەبلىك ئۆلۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئادەتتە، مېۋە ئېتى ئىچىدە ئارىلىشىپ كەتكەن ئۇششاق ئۇرۇقلارنى، مەسىلەن بۆلجۈرگەن ئۇرۇقى، كۆك بۆلجۈرگەن ئۇرۇقى، بېرتوللېتىيە مېۋىسى ئۇرۇقى، شوخلا ئۇرۇقى ۋە ھايمانتۇس مېۋىسى ئۇرۇقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى يېيىشكە بولىدۇ، لېكىن ئادەم بەدىنىنىڭ ئاشقازان-ئۈچەيلىرى سۈمۈرەلمەيدۇ. بەزى مېۋە ئۇرۇقلىرىنى سۇدا پىشۇرغاندىن كېيىن بەك مەززىلىك بولىدۇ، مەسىلەن ئارتوكاربۇس ۋە دۇرىيان ئۇرۇقى قاتارلىقلار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر