باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۆزىنى كونترول قىلالايدىغان ئادەملەر تېخىمۇ باي كېلىدۇ

2018.12.07 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا «پىسخولوگىيەنىڭ كەلگۈسى» ژۇرنىلىدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا مۇنداق دېيىلگەن: ئۆزىنى كونترول قىلالايدىغان ئادەملەر تېخىمۇ باي كېلىدىكەن.

  ئامېرىكا تېمپىل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 2500دىن ئارتۇق پىدائىيلارنى ئوبيېكت قىلىپ، كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ كەلگۈسى بايلىقنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىللىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ چىققان بولۇپ، بۇ ئامىللار تۆۋەندىكىچە: ياش، كەسىپ، مائارىپ، ئىرق، جىنسى، بەدەن ئېگىزلىگى، جۇغراپىيىلىك ئورنى ۋە «ئېھتىياجنى دەرھال قاندۇرۇش»نى كېچىكتۇرۇش ئىقتىدارى (ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى) قاتارلىقلار. نەتىجىدە شۇلار ئېنىقلانغانكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كەسىپ ۋە مائارىپ ئامىلى بولسا، كىشىلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كىرىملىكىنى مۆلچەرلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللار ئورنىدا تۇرىدىكەن، ئىككىنچى ئورۇندا بولسا، تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە جىنسى (بۇنىڭ ئىچىدە، ئەرلەرنىڭ كىرىمى ئاياللارنىڭكىدىن ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى بولىدىكەن)، ئۇنىڭ كەينىدىلا تۇرىدىغان ئامىل بولسا، كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى بولۇپ، ئۇخىل ئىقتىدارنىڭ كىشىلەرنىڭ كىرىمىنى مۆلچەرلەشتىكى خاراكتېرى كۆرۈنەرلىك ھالدا ياش، ئىرقى ۋە بوي ئېگىزلىكى قاتارلىق ئامىللاردىن بۇرۇن تۇرىدىكەن.

  تەتقىقات مەسئۇلى ۋىليام خامپتون دوكتۇر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى دېگىنىمىز، ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىدىغان بىر خىل ئىقتىدار بولۇپ، بۇخىل ئىقتىدارنى ھازىرلىغان بالىلار كىشىلىك مۇناسىۋەتنىمۇ تېخىمۇ ياخشى ئورۇنلاشتۇرالايدۇ، ھاياتلىق يۆنىلىشىنى قارار قىلالايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە: كىشىلەرنىڭ كەلگۈسى كىرىمىنى مۆلچەرلەش ئۈچۈن تىزىپ چىقىلغان يۇقىرىقىدەك ئامىللار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىش تەرتىپى جەزمەن مۇتلەق كۆپ قىسىم دۆلەت ۋە رايونلارغا ماس كېلىدۇ. يېڭىچە تەتقىقات كەڭ ئاتا-ئانىلارغا شۇنى بىلدۈردىكى، بالىلارنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش بولسا، بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە پۇل تېپىشنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىشقا پايدىلىقتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر