باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

يېڭى دەلىل-ئىسپاتلار قەدىمىي ئىنسانلارنىڭ شىمالىي ئافرىقىدا پەيدا بولغان ۋاقتىنى تەخمىنەن 600 مىڭ يىل ئالدىغا سۈردى

2018.12.04 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاۋسترالىيە ۋە ئالجىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېڭى بىر سانلىق ئامېرىكا «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، ئۇلارنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلىرىدە بايقالغان يېڭى دەلىل ـ ئىسپاتلارغا قارىغاندا، شىمالىي ئافرىقىدا بۇنىڭدىن 2 مىليون 400 مىڭ يىل ئىلگىرىلا قەدىمكى ئىنسانلار پەيدا بولغان، بۇ بۇرۇنقى بايقاشتىن تەخمىنەن 600 مىڭ يىل بالدۇر بولغان.

  شىمالىي ئافرىقىدىكى دۆلەت ئالجىرىيەنىڭ ئەينبۇچەلىدا، ئارخېئولوگلار تاش قوراللار ۋە ئىز ئويۇلغان ھايۋانلارنىڭ سۆڭەكلىرىنى قېزىپ چىققاندىن كېيىن، ئۇلارنى يەنە ئاۋسترالىيە گرىففىس ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئاپپاراتلاردىكى تەتقىقاتچىلار ئۆلچەپ چىققان، نەتىجىدە، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قەدىمكى تاش قوراللار بولسا، ھازىرغىچە تەخمىنەن 2 مىليون 400 مىڭ يىل بولغان. بۇ شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، شۇ چاغدىلا شۇ جايدا قەدىمكى ئىنسانلار ئولتۇراقلاشقان.

  گرىففىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ماتىئېۋ دۇئار مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بايقاشلاردا كۆرسىتىلىشىچە: قەدىمكى ئىنسانلار شىمالىي ئافرىقىدا تەخمىنەن بىر مىليون 800 مىڭ يىلدىن بۇرۇن پەيدا بولغان. ئەمما يېڭى تېپىلغان دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ شىمالىي ئافرىقىدا پەيدا بولغان ۋاقتى بۇنىڭدىن بۇرۇنقى بايقاشتىنمۇ بالدۇر بولغان بولۇپ، بۇ يەنە ئىلىم ساھەسىدىكى ئىنسانلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىنى چۈشىنىشىگە پايدىلىق بولدى.

  دۇئار مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم بايقالغان تاش قوراللار شەرقىي ئافرىقىدا بايقالغان تاش قوراللار بىلەن ئوخشاش بولۇپ، كېيىنكىسى بۇنىڭدىن 2 مىليون 600 مىڭ يىل ئىلگىرىكى دەۋرگە مەنسۇپ. ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەقەت 200 مىڭ يىللا پەرق بار، قەدىمكى ئىنسانلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان بۇ خىل تەتقىقاتتا، بۇ پەقەتلا بىر قەدەر قىسقا ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ قارىشىچە، شىمالىي ئافرىقىدىكى تاش قوراللارنى ياساش تېخنىكىسى شەرقىي ئافرىقىدىن كەلگەن، ھەمدە ئۇ ئاستا تارقىلىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن، دېيىلىپ كەلگەن. لېكىن، بۇ قېتىمقى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتىن قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى دەلىل-ئىسپاتتا چۈشەندۈرۈلۈشىچە، ئالاقىدار تاش قوراللارنى ياساش تېخنىكىسىنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئويلىغاندىكىدىنمۇ تېز بولغان، ياكى بەلكىم شەرقىي ئافرىقا ۋە شىمالىي ئافرىقىدا بۇ خىل تېخنىكا ئاساسەن ئوخشاش بولغان بىر ۋاقىتتا بارلىققا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر