باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئاياللار كۆپ ئۇخلىسا سۈت بېزى راكىغا ئاسان گىرىپتار بولىدۇ

2018.12.03 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالدىنقى كۈنى كەچلىكى كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئۇخلىماي، ئەتىسى چۈشكىچە ئۇخلاش بۈگۈنكى كۈندىكى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاق ياقىلىق خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش كارتىنىسىدۇر. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق ئۇخلاش ئادىتى ساغلاملىققا پايدىلىق ئەمەس. بولۇپمۇ ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا شۇنداق. يېقىندا، ئەنگلىيەدىكى بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيقۇباش ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى بولىدىكەن.

  ئەنگلىيە برىستول ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقات كوللېكتىپى 230 مىڭ ئايالنىڭ ساغلاملىق سانلىق مەلۇماتلىرىنى رەتلەپ ئانالىز قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، سىناققا قاتناشقۇچىلاردىن 120 مىڭ نەپەر ئايال سۈت بېزى راكى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تېنى ساغلام ئىكەن. تەتقىقاتچىلار سىناققا قاتناشقانلارنىڭ ئۇخلاش، ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرۇش مايىللىقى، ئۇيقۇنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ۋە ئۇيقۇسىزلىق ئەھۋالى قاتارلىق ئۇخلاش ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن مۇنۇلارنى بايقىغان: كېچىدە ئۇخلىمايدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلى بىلەن ئادەتلىنىپ قالغان ئاياللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بالدۇر ئۇخلاپ، ئەتىگەن تۇرىدىغان ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرى %40 تۆۋەن بولىدىكەن.

  باش تەتقىقاتچىسى رېبېككا رىچموند دوكتور مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى تەتقىقات ئارقىلىق ئېرىشكەن يەكۈن شۇكى، ھەرگىزمۇ قانچە كۆپ ئۇخلىسا شۇنچە ياخشى بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇيقۇسى 8 سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن ئاياللار، ھەر بىر سائەت كۆپ ئۇخلىسا، ئۇلارنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئەكسىچە %20 كۆپىيىدۇ. رىچموند دوكتور مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇلار نوپۇسلارنىڭ نۇرغۇن گېن سانلىق مەلۇماتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئادەم بەدىنىدىكى بىيولوگىيەلىك سائەت بۇزۇلسا، ئۇلارنىڭ سۈت بېزى راكى خەۋپىنىڭ قانداق قىلىپ زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى يەنىمۇ دەلىللىدى. ئۇ كۈن بويى خىزمەت ۋە ئۆگىنىش ئۈچۈن ئالدىراش يۈرگەن كەڭ ئايال دوستلارغا تۇرمۇش ۋە دەم ئېلىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ ئۆزگەرتىپ، بالدۇر ئۇخلاپ، سەھەردە تۇرۇپ، سۈت بېزى راكىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى پائال ئېلىش تەكلىپىنى بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر