باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

يىلىك تەقدىم قىلىشتا، تەقدىم قىلىنىدىغىنى راستتىنلا «يىلىك»مۇ؟

يىلىك تەقدىم قىلغانلار بىر ئىككى ھەپتە ئىچىدىلا ئۇلارنىڭ قېنىدىكى ھەر خىل تەركىبلەر ئەسلىگە كېلىپ بولىدۇ

2018.11.30 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: "ئاق قان كېسىلى"گە گىرىپتار بولغان، دەپ دىياگنوز قۇيۇلغانلار ئىلگىرى خۇددى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندەك قاباھەتلىك بىر كەيپىياتقا چۈشۈپ قالاتتى. ئەمدى تېبابەت ئىلىمىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن، بۇنداق كېسەل نامى بىلەن دىياگنوز قويۇلغان بىمارلاردىن %70تىن كۆپرەكىنىڭ يىلىك كۆچۈرۈش ئارقىلىق ئۇزۇن مۇددەت ھايات كەچۈرەلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولىدىغان بولدى. يىلىك كۆچۈرۈش ئارقىلىق داۋالىغىلى بولىدىغان كېسەللىك تۈرلىرىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. بىراق، نۇرغۇن كىشىلەردە بۇ جەھەتتە خاتا قاراش مەۋجۇت، يەنى، يىلىك تەقدىم قىلىش ئىشىنى ئاڭلىسىلا، بۇ ئىشقا قورقۇپ جۈرئەت قىلالمايدۇ.

  ئۇنداقتا، يىلىك تەقدىم قىلىشتا، تەقدىم قىلىنىدىغىنى راستتىنلا «يىلىك»مۇ؟

  بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قان كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ شياۋخۇي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يىلىك كۆچۈرۈشتە، كۆچۈرۈشتىكى يادرولۇق نەرسە يىلىك ئەمەس، بەلكى قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرىدۇر. ئەتراپتىكى قانلار ئارقىلىق قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرىنى يىغىشتا، يىغىپ ئېلىنىدىغان قانلارنىڭ مىقدارى ھەتتا بىر قېتىملىق قان تەقدىم قىلىشتىنمۇ ئاز بولىدۇ، تەقدىم قىلغۇچىنىڭ ئۆزىگە بولغان تەسىرىمۇ ئاز بولىدۇ. ئەمما ئۇ ئازغىنە قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرىمۇ ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمار ئۈچۈن ئېيتقاندا، زور بىر ئىش بولۇپ، شۇ ئازغىنە ھۈجەيرە بىمارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزىدۇ.

  يىلىك كۆچۈرۈشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، يىلىك كۆچۈرۈشتە ئەمەلىيەتتە يىلىكتىكى قاننى كۆچۈرەتتى. يىلىك ئادەتتە ئۇزۇن سۆڭەكلەر (مەسىلەن، يۇقىرىقى بىلەك سۆڭىكى ۋە يوتا سۆڭىكى قاتارلىقلار)نىڭ يىلىك بوشلۇقى ۋە ياپىلاق سۆڭەكلەر (مەسىلەن، يانپاش سۆڭەكلىرى)نىڭ سۆڭەك شالاڭ ماددىسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. قان ھۈجەيرىلىرىنى پەيدا قىلالايدىغان يىلىك بولسا، قىزىل رەڭلىك بولغاچقا، "قىزىل يىلىك" دەپ ئاتىلىدۇ. قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە ئاساسلىقى قىزىل يىلىك ئىچىدە ياشايدۇ، ئۇ خۇددى ئۇرۇققا ئوخشاش، ئۇنىڭ يىلىكتىكى مىقدارى ئاران %1 بولسىمۇ، ئەمما، ئۇ يىلتىز تارتىپ بىخ سۈرەلەيدۇ، ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتەلەيدۇ ھەمدە ھەر خىل قان ھۈجەيرىلىرىگە بۆلۈنۈپ ھاسىل بولۇپ تۇرىدۇ. تېبابەتتە يېتەرلىك مىقداردا غول ھۈجەيرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، دەسلەپكى مەزگىلدىكى يىلىك كۆچۈرۈشتە، يىلىك تەمىنلىگۈچى يېرىم ناركوزلاشتۇرۇلۇپ (يەنى سېزىمسىزلاندۇرۇپ) تۇرۇپ، ئۇنىڭ يانپاش سۆڭىكىدىن ئۇنىڭ 1000 مىللىلىتىرچە يىلىك قېنى يىغىۋېلىناتتى. بۇ خىل ئەھۋال يىلىك تەمىنلىگۈچى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ تۆلىگەن بەدىلى ھەقىقەتەن بەك چوڭ بولاتتى.

  جاڭ شياۋخۇينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە بولسا، يىلىك تەقدىم قىلغۇچىدىن يىغىۋېلىنىدىغان قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرىلەر ئاساسلىقى شۇ كىشىنىڭ يىلىك قېنى، ئەتراپ قېنى ۋە كىندىك قېنىدىن كېلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەتراپ قاندىن قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە يىغىۋېلىشنىڭ ئۇسۇلى ئاددىي ۋە قولايلىق بولۇپ، بۇ ئۇسۇل ھازىر جۇڭخۇا يىلىك ئامبىرىنىڭ يىللىق تەقدىم قىلغۇچىلاردىن قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرىلەرنى يىغىۋېلىشىدا كۆپرەك قوللىنىدىغان ئۇسۇلى ئىكەن.

  قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلسا، تەقدىم قىلغۇچنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يېتەمدۇ؟ جاڭ شياۋخۇي مۇنداق دېدى: قۇرامىغا يەتكەنلەر (18 - 45 ياشقىچە)نىڭ يىلىك مىقدارى ئادەتتە 3000 گىرام ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچە قىسىمى يىلىك بوشلۇقىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئادەتتە، قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلغۇچىدىن ئاران 200 مىللىلىتىرچە مىقداردىكى سۇسپېنزىيە يىغىۋېلىنىدۇ، بۇ خىل يىغىۋېلىش ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن چاغلاردا، قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرىنىڭ يىغىۋېلىنىش قېتىم سانى كۆپ بولغاندىمۇ ئىككى قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، تەقدىم قىلغۇچىدا ناچار تەسىر پەيدا قىلمايدۇ.

  پۈتۈن دۇنيادا ھازىرغا قەدەر ئەمەلگە ئاشقان قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرىنى كۆچۈرۈش ئەمەلىي مىساللىرىدىن 1 مىليونچە مىسالدىن ئىسپاتلىشىچە، قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرىنى تەقدىم قىلىش ئەمەلىيەتتە بىخەتەر ۋە ئىلىمىي بولۇپ، ساغلاملىققا زىيىنى يوق. قان ئىشلىگۈچى ھۈجەيرە يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزىنى يېڭىلاش ۋە ئۆز-ئۆزىنى كۆپەيتىش ئىقتىدارىغا ئىگە، ھەم ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان قايتا ئۆسۈش ئىقتىدارىغا ئىگە. شۇڭا، قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرىنى تەقدىم قىلغاندىن كېيىن، ھۈجەيرە تەقدىم قىلغۇچىنىڭ يىلىكى غىدىقلىنىش بىلەن قان ئىشلىنىشى تېزلىشىپ، ئۇ كىشى بىر ھەپتىدىن ئىككى ھەپتىگىچە قېنىدىكى تۈرلۈك تەركىبلەر ئەسلىگە قايتىپ كېلىپ بولىدۇ. مۇۋاپىق ياشتىكى ۋە بەدىنى ساغلام پىدائىيلار قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى ئازىيىپ كەتكەندە، بۇ خىل يىلىك تەقدىم قىلىش ئىشى ئۇلارنىڭ يىلىك زاپاس قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، ھەمدە يىلىكنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارىنى غىدىقلاپ، قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر