باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ياخشى دادىنىڭ بالا تەربىيەسىدىكى تۆت رولى

ئالىي دەرىجىلىك ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىسى لۇ دەندەن

2018.11.26 17:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۆز قاراشنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپ دادىلار بالا بېقىش جەريانىغا پائال قاتناشماقتا. قانداق قىلغاندا بىر ياخشى دادا بولغىلى بولىدۇ؟ ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، تۆت خىل رولنى ياخشى ئېلىش لازىم.

  ئاۋۋال ياخشى ئەر بولۇش لازىم. دادىنىڭ بالىغا بولغان ئەڭ ياخشى مۇھەببىتى دەل ئاۋۋال ئايالىنى سۆيۈشتۇر. ئائىلە بالىلارنىڭ سۆيۈشنى ئۆگىنىشتىكى تۇنجى سورۇنى، ئاتا-ئانىسى ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئائىلە كەيپىياتى ئىناق، خۇشال بولسا، چوقۇم بالىغا كىچىكىدىنلا مۇھەببىتىنى ئىپادىلەش ۋە مۇھەببەتنى ھېس قىلىشنى ئۆگىتىدۇ ھەمدە كۈچلۈك بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، باشقا ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. بالىلار ۋەز-نەسىھەتلەردىن ئەمەس، بەلكى كۆزى بىلەن كۆرۈش، قولى بىلەن تۇتۇش، قەلبى بىلەن ھېس قىلىش ئارقىلىق ئۆگىنىدۇ. ياخشى بولغان يېقىن مۇناسىۋەت بالىغا ئۈلگىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىدۇ.

  ياخشى ئۆگەنگۈچى بولۇش كېرەك. بۈگۈنكى جەمئىيەتتە، ئانىلار ۋاقتى ۋە زېھنىنى سەرپ قىلىپ، ئىلمىي بولغان بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىشنى تېخىمۇ خالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇلايىم، سەۋرچان، كۆيۈمچان كېلىدۇ. ياخشى دادا بولۇشتا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش لازىم، ئانىلارنىڭ بالىلارغا بولغان ئىنچىكىلىكى، سەۋرچانلىقى ۋە مېھرىبانلىقىنى ئۆگىنىش، شۇنداقلا كىتاب كۆرۈش، كۇرسقا قاتنىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بالا بېقىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم.

  بىر بالىغا ئايلىنىشنى بىلىش لازىم. «ئۇۋىسىغا قايتىپ ئاپىسىنى ئىزدەش، ئويۇن ئوينىغاندا دادىسىنى ئىزدەش» نۇرغۇن بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈش ئۇسۇلى. دادىلار ئۆزىنى كىچىك بالىغا ئايلاندۇرۇشنى بىلگەندە، بالىلار تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىغان ئۇسۇلدا بالىسى بىلەن بىللە ئوينىغىلى بولۇپلا قالماستىن، ئويۇنغا ئەستايىدىل، بېرىلىپ قاتنىشىپ، بالىسىغا تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىق ھېس قىلدۇرالايدۇ، شۇنداقلا بالىنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ مەسىلىنى ئويلىنىپ، بالىلارنىڭ ھېسسىياتى ۋە ئېھتىياجىنى ھېس قىلىپ، بالىنىڭ ساداسىغا ھەقىقىي قۇلاق سېلىپ، بالىسىغا باراۋەرلىك ۋە ھۆرمەت بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاتا- بالىلىق مۇناسىۋىتى بارغانسېرى قويۇقلىشىدۇ.

  بالىنىڭ ياخشى مۇئەللىمى بولۇش لازىم. ئەنگلىيە نېۋكاستل ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، ئۇزۇن ۋاقىت دادىسى بىلەن بىللە بولغان بالىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى تېخىمۇ يۇقىرى ھەمدە تېخىمۇ جانلىق بولىدىكەن. دادىلار تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت چىقىرىپ بالا بېقىش جەريانىغا ئاكتىپ قاتنىشىشى، بالىلارغا ياخشى بولغان ئەخلاق-پەزىلەتنى، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى، كىشىلەرگە مۇئامىلە قىلىش يولىنى، بەخت ۋە گۈزەللىكنى ھېس قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆگىتىشى لازىم... بۇ، دادىنىڭ ماھىرلىق بىلەن تەربىيە بېرىشىگە، بالىسىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى قۇبۇل قىلىشىغا، ۋاقىت چىقىرىپ ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ساقلىشىغا، بالىسىنى قوللىشى ۋە ئىلھام بېرىشىگە، بالىسىنىڭ خاتالىق ئىچىدىن ئۆگىنىشىگە ياردەم قىلىشىغا مۇھتاج. بۇ بىر مەسئۇلىيەت ھەمدە خۇشاللىق، بالىسىنىڭ پۈتۈنلەي باشقىلارغا تايىنىدىغان كىچىك بوۋاقتىن، بىر مول، مۇستەقىل، ئاكتىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان يەككە گەۋدىگە ئايلىنىشىنى كۆرۈشنىڭ ئۆزى نەقەدەر بەخت-ھە!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر