باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ياش ھالەتنى قانداق ساقلاش كېرەك؟

ۋېلىسىپىت مىنىش، ساياھەت قىلىش، كىتاب يېزىش، ئەرمەك ھايۋانلارنى بېقىش قاتارلىقلارنى سىناپ بېقىشقا بولىدۇ

2018.11.20 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن ياش ھالەتنى قانداق ساقلاش كېرەك؟ تۇرمۇشقا بولغان ئاكتىپ پوزىتسىيە، كۆپ خىل قىزىقىش ياشانغانلارنى ھاياتىي كۈچكە تولدۇرىدۇ. «ئامېرىكا ئاخبارات ۋە دۇنيا خەۋەرلىرى»دە يەكۈنلەنگەن بىر قىسىم ھېكايىلەر تەپەككۇرنى ناھايىتى قوزغىتىدۇ.

  بىرىنچى، دىققەتنى مۇھىتقا قارىتىش. 78 ياشلىق بەتسىي لۇت نيۇ يوركتىن بولۇپ، تەبىئەتنى قىزغىن سۆيىدۇ. ئۇ مەخسۇس بىر پارچە تەبىئىي ياۋايى ھايۋاناتلار قونالغۇسى بەرپا قىلدى ھەمدە كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تۈرلەرگە بولغان تەسىرىگە دىققەت قىلدى. ئۇ يەنە كېپىنەك، يالپۇز ۋە قىممەتلىك ئاز ئۇچرايدىغان چاتقاللار ئۈچۈن بىر سىرلىق ئوردا گۈللۈكى لايىھەلىدى.

  ئىككىنچى، ۋېلىسىپىت مىنىشتىن ھۇزۇرلىنىش. 84 ياشلىق جېك لاۋدېر ۋىسكونسىن ئىشتاتىدىن بولۇپ، ئۇ ئۆزگەرتىلگەن بىر رېلىسنى بويلاپ ۋېلىسىپىت مىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ، يەنە دائىم دالىدا ۋېلىسىپىت مىنىش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ. قىش پەسلىدە قاتتىق سوغۇق بولۇپ كەتكەندە، ئۇ ئۆي ئىچىدە سېزىمچان ۋېلىسىپىت مىنىدۇ.

  ئۈچىنچى، ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. 86 ياشلىق بوننى زېلىنسكى ئىككى يىل بۇرۇن يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدا تېيىلىش زەنجىرى ھەرىكىتىگە جەڭ ئېلان قىلغان ئىدى، شۇنىڭدىن كېيىن توختىيالمىدى. بۇلتۇر، ئۇ يەنە ئىككى كىشىلىك پاراشوت بىلەن سەكرەش پائالىيىتىگە قاتناشتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى بەش يىل ئىلگىرى ئۇ يازغان بىر ئارزۇ تىزىملىكىدىكى ئىشلار بولۇپ، ئىزچىل تىرىشىش ئارقىلىق رىئاللىققا ئايلاندۇرۇۋاتىدۇ.

  تۆتىنچى، ساياھەت قىلىپ كىتاب چىقىرىش. 69 ياشلىق ئاننى گاددىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تارىخىي خارابىلىك ۋە دۆلەت باغچىسىغا بېرىپ ساياھەت قىلىش قىزغىنلىققا تولغان بىر خىل ئۇسۇل. ئۇ ۋە ئېرى يەر شارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ ساياھەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە يەرلىك ئۆرپ-ئادەتلەرنى خاتىرىلەپ، كىتاب چىقىرىشنى پىلانلىدى.

  بەشىنچى، قەغەز قاتلاش. 92 ياشلىق بوببى ناخمان بوش ۋاقىت تاپسىلا ھەر خىل قەغەز تۇرنىلارنى قاتلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇندىن باشقا، ئۇ يەنە دوستلىرىغا خاسلىققا ئىگە تەبرىك كارتىسى لايىھەلەپ بېرىدۇ.

  ئالتىنچى، ئەرمەك ھايۋان بېقىش. قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلارنىڭ بىرى بولغان 73 ياشلىق بېرنادەت داۋىيدوك بىر قىسىم سەرگەردان ئىت، مۈشۈكلەرنى بېقىۋېلىپ، ئۇلار بىلەن چوڭقۇر ھېسسىيات ئورناتتى، ئۇ قەرەللىك ھالدا ئەرمەكلىرىنىڭ تۈكلىرىنى تاراپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈپ، ھۆسن تۈزىتىدۇ ۋە ۋاكسىنا ئۇرغۇزىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر