باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئادەم بەدىنى كەچقۇرۇن تېخىمۇ ئاسان ماي كۆيدۈرىدىكەن

2018.11.20 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا «ھازىرقى زامان جانلىقلار ئىلمى» ژۇرنىلىغا بېسىلغان خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا ئېيتىلىشىچە، كەچقۇرۇن ئادەم بەدىنىدىكى ئىسسىقلىقنىڭ مېتابولىزمى يۇقىرى پەللىگە چىقىپ، بەدەننىڭ ماي كۆيدۈرۈش ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى بولىدىكەن.

  بىر كۈن ئىچىدە ئادەم بەدىنىنىڭ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنى سەرپ قىلىدىغان يۇقىرى پەللە مەزگىلىنى تېپىش ئۈچۈن، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ دوكتورى كېس ماگازېت ۋە جېننى داففى 10 نەپەر ساغلام ئەر-ئايالنى تەجرىبىخانىدا 37 كۈن تۇرغۇزغان. سىناققا قاتناشتۇرۇلغانلاردا ئۇيقۇسىزلىق كېسىلى ۋە باشقا سوزۇلما كېسەللىك يوق بولۇپ، تاماكا چەكمىگەن، قەھۋە ئىچىش مىقدارىنى ئاشۇرۇۋەتمىگەن، ھەر قانداق رېتسېپلىق ياكى رېتسېپىسىز دورا ئىشلەتمىگەن. ئۇلارنىڭ يېمەكلىك قوبۇل قىلىش مىقدارى قاتتىق كونترول قىلىنغان. تەجرىبىخانىدا سائەت، تور، تېلېفون يوق، ھەتتا دېرىزىسىمۇ يوق بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە سىناققا قاتناشقۇچى ئۈچ كىشى نورمال تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلىغان، باشقا يەتتە كىشىنىڭ كەچتە ئۇخلاش ۋاقتى تۆت سائەت ئالدىغا سۈرۈلگەن ياكى كېچىكتۈرۈلۈپ، بەدەندىكى بىيولوگىيەلىك سائەتتە ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندە، مېتابولىزم نىسبىتىنىڭ كونكرېت تەسىرگە ئۇچرايدىغان-ئۇچرىمايدىغانلىقى تەكشۈرۈلگەن. نەتىجىدە بايقىلىشىچە، كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك، ئۇيقۇ ئەندىزىسى قانداق ئۆزگەرسۇن، مېتابولىزم نىسبىتى ماس قەدەملىك ھالەتنى ساقلاپ قالىدىكەن، يەنى چۈشتىن كېيىن ۋاقچىراق ۋە كەچقۇرۇندا، ئىسسىقلىق سەرپىياتى يۇقىرى پەللىگە يېتىدىكەن. كەچقۇرۇندا ئادەم بەدىنى سائىتىگە 0.02 كىلو جوئول (تەخمىنەن 0.5 گىرام مايغا تەڭ) ئىسسىقلىقنى ئارتۇق سەرپ قىلىدىكەن، بۇ سەھەر سائەت تۆتتىن ئالتىگىچە بولغان ۋاقىتتىكىدىن تەخمىنەن %10 كۆپرەك ئىكەن.

  دوكتۇر جېننى داففى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەرتىپلىك بولغان يېمەك- ئىچمەك ۋە ئۇيقۇ بەدەن ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، كېچە- كۈندۈزلۈك رىتىمغا خىلاپ ھەرقانداق قىلمىش بەدەننىڭ سەمىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى يەنە كېچىدە ئىشلەيدىغانلار ۋە تۈنەيدىغانلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نېمە ئۈچۈن ئاسانلا ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر