باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

«دىيابىت كېسەللىكى كۈنى»دە دىيابىت كېسىلى ئۈستىدە سۆھبەت: ئىشخانىدا ئۇزاق ئولتۇرىدىغان خىزمەتچىلەر دىيابىت كېسىلى بولۇپ قېلىشتىن ئاگاھ بولۇشى كېرەك

ياشلار ۋە ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن كىشىلەر توپىنىڭ دىيابىت كېسىلى بولۇش نىسبىتى بارغانسىرى ئېشىپ بارماقتا

2018.11.15 17:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياشلار ۋە ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن كىشىلەر توپىنىڭ دىيابىت كېسىلى بولۇش نىسبىتى بارغانسىرى ئېشىپ بارماقتا، ئىشخانىدا ئۇزاق ئولتۇرىدىغان خىزمەتچىلەر تېخىمۇ ئاسان دىيابىت كېسىلى بولۇپ قالىدۇ. 11-ئاينىڭ 14-كۈنى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دىيابىت كېسەللىكى كۈنى» بولۇپ، مۇخبىر شىنجاڭ مېدىتسىنا جەمئىيىتىنىڭ ئىچكى ئاجراتما دىيابىت كېسىلى ئىلمى تارماق جەمئىيتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ دىيابىت كېسىلى بولۇش نىسبىتى %10.4 كە يەتكەن ھەمدە بارغانسىرى ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن.

  «شىنجاڭ مەملىكەتلىك تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشكە قاتناشقان بولۇپ، 18 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر توپىنىڭ دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى مەملىكەتنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا تەڭلەشكەن»، __ شىنجاڭ مېدىتسىنا جەمئىيىتى ئىچكى ئاجراتما دىيابىت كېسىلى ئىلمى مەخسۇس كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئىچكى ئاجراتما بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ شىنلىڭ شۇنداق دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە يېڭى ئالاھىدىلىك بار بولۇپ، مەسىلەن 40 ياشتىن تۆۋەن ياشلارنىڭ دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىدە ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن، تەرەققىي قىلغان شەھەر رايونلىرىدىكىلەرنىڭ گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يېزا-كەنت رايونلىرىدىكىلەردىن يۇقىرى بولغان، سېمىز ۋە ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن كىشىلەر توپىنىڭ دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى روشەن ئاشقان.

  __ «30 يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزدىكىلەرنىڭ دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 1980-يىلىدىكى %0.67 تىن 2013-يىلىدىكى %10.4 كە يەتكەن، يەنى 15 ھەسسىدىن ئارتۇق ئاشقان»، __ ۋاڭ شىنلىڭ يەنە مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئىككىلەمچى دىيابىت كېسىلى ئاساسلىقى ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلارنىڭ ئارىسىدا كۆپ بولاتتى، ھازىر تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ ھەمدە ياشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تەرتىپسىز بولۇشى، كۆپ يەپ-ئىچىش، تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلى، تېخىمۇ كۆپ ياشلار دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولماقتا. قانداق كىشىلەر توپى دىيابىت كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ؟ ۋاڭ شىنلىڭ مۇنداق دېدى: ئىككىلەمچى دىيابىت كېسىلىدىن مۇداپىئەلىنىشتىكى «خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر توپى»نىڭ ئوچۇق ئېنىقلىمىسى بار بولۇپ، يەنى يېشى 40 ياشتىن يۇقىرى، ئىلگىرىكى دىيابىت كېسىلى تارىخى بار، ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن ياكى سېمىز كىشىلەر، ئۇزاق مەزگىل ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان خىزمەتچىلەر، يۇقىرى قان بېسىم، قاندا ماي ئېشىپ كېتىش، يۈرەك قان تومۇر كېسىلى بىمارلىرى ۋە ئۇزاق مۇددەت روھىي كېسەللىك دورىلىرى ياكى خامۇشلۇققا قارشى دورا بىلەن داۋالاشنى قوبۇل قىلغان بىمارلار قاتارلىق 12 تۈرلۈك كىشىلەر توپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  دىيابىت كېسىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىك ئالامەتلىرى ئېنىق بولمىغاچقا، كىشىلەر تەرىپىدىن داۋاملىق سەل قارىلىدۇ، ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىك كۆرۈلگەنگە قەدەر، مەسىلەن، دىيابىت كېسىلى سەۋەبلىك بۆرەك كېسىلى بولۇپ قېلىش، دىيابىت كېسىلى سەۋەبلىك كۆز ئاستى كېسەللىك ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار، بۇ ۋاقىتتا ئاللىقاچان كېچىككەن بولىدۇ. شىنجاڭ مېدىتسىنا جەمئىيىتى ئىچكى ئاجراتما دىيابىت كېسىلى ئىلمى مەخسۇس كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ مۇدىر ۋىراچى، پىروففېسسور سۈن كەن مۇنداق دېدى: «دىيابىت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە داۋالىغىلى بولىدۇ، لېكىن ئەگەشمە كېسەللىك كۆرۈلگەندە، ئۇنى ساقايتىش تەس. شۇڭا ئائىلىلەردە توغرا بولغان دىيابىت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش بىلىملىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش ۋە بالدۇر ئالدىنى ئېلىش ناھايىتى زۆرۈر. كىشىلەر بەدەننىڭ بىر قىسىم سىگنال-ئالامەتلىرى ئارقىلىق دەل ۋاقىتىدا دىيابىت كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرىنى بايقىيالايدۇ، مەسىلەن، كىچىك تەرەت كۆپ بولۇش، داۋاملىق ئۇسساش، قورسىقى ئېچىش، بەدەن ئېغىرلىقى تۇيۇقسىز تۆۋەنلەش، چارچاش، قىزىقىش ھېسى تۆۋەن بولۇش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىش، قۇسۇش ۋە قورسىقى ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر