باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتسە، سۆڭەكنىڭ ئۆمۈرلۈك ساغلام يېتىلىشىگە پايدىلىق

2018.11.12 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قەھرىتان سەھەردە، بەدەن چېنىقتۇرۇۋاتقانلارنىڭ كەينىدە ئەگىشىپ يۈرۈپ كۈچەپ يۈگۈرەۋاتقان كىچىك بالىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ھازىرقى تىرىشىپ چېنىقىشى ئۇلارنى چوقۇم بىر ئۆمۈر نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاۋسترالىيە ئالىملىرىنىڭ بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتسە، سۆڭەكنىڭ ئۆمۈرلۈك ساغلام يېتىلىشىگە پايدىلىق.

  ئاۋسترالىيە كېرتېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 984 نەپەر ئاۋسترالىيەلىك بالىنىڭ بالىلىق دەۋرىدىن ئۆسمۈرلۈك دەۋرىگىچە بولغان ھەرىكىتى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلغان. ئۇلارنىڭ بايقىشىچە، 5 ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان مەزگىلدە تەنتەربىيە چېنىقىشقا داۋاملىق قاتناشقان بالىلارنىڭ 20 ياشقا كىرگەندىن كېيىنكى ئومۇمىي سالامەتلىك ئەھۋالى، بولۇپمۇ پۇت قىسىمى سۆڭەك تەركىبىدىكى مىنېرال ماددىلارنىڭ مىقدارى روشەن ھالدا ھەرىكەتنى ياخشى كۆرمەيدىغان بالىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىكەن. ئۇندىن باشقا، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆزى يالغۇز ھەرىكەت قىلىدىغانلارغا نىسبەتەن، يېنىدا بىرى ھەمراھ بولغان ياكى كوللېكتىپ تەشكىللىگەن كوللېكتىپ ھەرىكەتكە قاتناشقان بالىلارنىڭ سۆڭەك ئۆسۈشى ۋە پۈتۈن بەدەننىڭ يېتىلىشىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈش ئۈنۈمى تېخىمۇ روشەن بولىدىكەن.

  كېرتېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى جورج مەكۋى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياش ئۆسمۈرلەر دەۋرى بولسا، بەدەن سۆڭىكىنىڭ ئۆسۈشىدىكى مۇھىم باسقۇچى بولغاچقا، ئەگەر مۇشۇ چاغدا سۆڭەكنىڭ ئەڭ ياخشى يېتىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىنسا، قېرىغاندا سۆڭەك ماددىسى شالاڭلىشىش كېسىلىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ. مۇتەخەسسىس مۇنداق تەكلىپ بەردى: 18 ياشتىن بۇرۇنقى بالىلار ئۇلارنىڭ دەرس يۈكى مەيلى قانچىلىك ئېغىر بولسۇن، ئاتا-ئانىلار ئۇلارنى تەنتەربىيە چېنىقىشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشىغا ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر