باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

راك ھۈجەيرىسىدە «ئۆلۈۋېلىش شىفىرى» بار بولۇپ، قوزغاتقاندا ئۆزىنى ۋەيران قىلىدىكەن

2018.11.12 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: راك كېسىلىنى خىمىيەلىك داۋالاشنىڭ ئەھمىيىتى شۇكى، بىمارنىڭ بەدىنىگە كىرگۈزۈلگەن زەھەرلىك خىمىيەۋى ماددىلار راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆلۈشىنى قوزغىتىدۇ ۋە تېزلىتىدۇ. بىراق، خىمىيەلىك داۋالاشنىڭ ئەكس تەسىرى بىمارنى قاتتىق ئازابلايدۇ، تېببىي مۇتەخەسسىسلەر خىمىيەلىك داۋالاشنى ئاخىرلاشتۇرالايدىغان، ئۆسمىنى داۋالاشتىكى يېڭى بىر خىل ئۇسۇلنى تاپقىلى بولۇشنى جىددىي ئۈمىد قىلماقتا.

  ئەنگلىيە «تەبىئەت خەۋەرلىرى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئامېرىكىدىكى بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، ئالىملار بەدەندىكى ھەربىر ھۈجەيرىنىڭ ئۆزىدە بىردىن «ئۆلۈۋېلىش شىفىرى» ئېلىپ يۈرىدىغانلىقىنى، قوزغىتىلغان ھامان، بۇ ھۈجەيرىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ۋەيران قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ يېڭى بايقاش راك كېسىلىنى داۋالاش تەتقىقاتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئامېرىكا غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتى فېينبېرگ تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ ئۆسمە مېتابولىزىم ئىلمى پىروفېسسورى ماكوس پېتېر دوكتورنىڭ قارىشىچە، ھۈجەيرىنىڭ «ئۆلۈۋېلىش شىفىرى» 800 مىليون يىللىق تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرۇپ، سالامەتلىكنى ساقلاش ئىكەن. بىراق، ئۇنىڭ كۈچى تەبىئىي ئەھۋالدا ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرلىك ئۆسمىگە تاقابىل تۇرالمايدىكەن. بۇ چاغدا، ئەگەر بىز ئۈنۈملۈك سۈنئىي ئارىلىشىپ، تېخنىكا ۋاسىتىسى ئارقىلىق راك ھۈجەيرىسى ئىچىدىكى «ئۆلۈۋېلىش شىفىرى»نى قوزغاتساق، خىمىيەلىك داۋالاش بىلەن ئوخشاش ئۈنۈملۈك راكقا قارشى تۇرۇش رولىنى ئوينايدىكەن. كونكرېت ئۇسۇلى مۇنداق: ھۈجەيرە ئىچىدە راكقا ئايلىنىش ئېھتىماللىقى بار ئامىللار بايقالغان ھامان، ھۈجەيرىگە «ئۆلۈۋېلىش شىفىرى»نى قوزغىتىدىغان دورا — كىچىك رىبونۇكلېئىك كىسلاتاسى ئوكۇل قىلىنىپ، راك ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋىكليۇچاتېلى قوزغىتىلىپ، ھۈجەيرىنىڭ ئۆزىنى ۋەيران قىلىش پىروگراممىسى يولغا قويۇلىدىكەن.

  دوكتور پېتىر مۇنداق دېدى: بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ مەقسىتى بىر خىل يېڭى سۈنئىي توكسىننى تەتقىق قىلىپ ياساش ئەمەس، بەلكى ھۈجەيرىنىڭ تەبئىي قانۇنىيىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، راكنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك داۋالاشنى مەقسەت قىلىدۇ. يېڭىچە داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ئەڭ چوڭ پايدىسى شۇكى، راك كېسىلى بىمارلىرى ئەمدى خىمىيەلىك داۋالاشنىڭ ئازابىنى تارتمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر