باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن خەلق تورى ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقلىرى قانىلى ئىشلىگەن ئالاھىدە خەۋەر

مەمەتتۇرسۇن چوڭ: كەسپىي بوكس تەنھەرىكەتچىلىكىدىن چېكىنگىچە، دۆلىتىم ئۈچۈن ئولىمپىك مېدالى ئېلىش مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم

2009-يىلى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا، بېسىمنى يېڭىپ چېمپىيون بولدۇم

2018.11.12 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  __ «مېنى ئەڭ ھاياجانلاندۇرىغان ھەمدە ئەڭ تەستە قولغا كەلگەن چېمپىيونلۇق 2009-يىلىدىكى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى بوكس مۇسابىقىسى بولدى، دەپ گەپ باشلىدى مەمەتتۇرسۇن چوڭ سۆھبىتىمىزنىڭ بېشىدىلا، __ تەنھەرىكەت يىغىنىدىن 40 كۈن بۇرۇن، ئىچكى موڭغۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن بوكس تەكلىپ مۇسابىقىسىدە ئوڭ قولۇمنى يارىلاندۇرۇۋالدىم. مۇسابىقە تۈگەپ قايتىپ كېلىپ ئون بەش كۈن دەم ئالغاندىن كېيىن قايتا مەشىققە چىقىپ، سول قولۇمنىمۇ يارىلاندۇرۇۋالدىم. دوختۇرلار يارامنى كۆرۈپ: سەن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمايسەن، قاتناشقان تەقدىردىمۇ مۇشتلىشالمايسەن، دەپ ھۆكۈم چىقاردى. بىراق ئابلېكىمكام ۋە ئابدۇشۈكۈركام ئىككەيلەن: نەدىن بولسىمۇ ئەڭ ياخشى دوختۇر تېپىپ، زەخىمنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرىمىز، دەپ ماڭا تەسەللىي بەردى ۋە ئۇقۇشۇش ئارقىلىق مېنى بېيجىڭدىكى بىر داڭلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئورنىغا ئېلىپ كەلدى. شۇ يەرگە كېلىپ ئىككى ھەپتىلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە داۋالاندىم. شۇنىڭدىن كېيىن، ئەسلىدىكى چوكىنى تۇتۇپ تاماق يېيەلمەيدىغان، بېلىكىمنى كۆتۈرەلمەيدىغان ھالەتتىن ھاۋاغا مۇشت ئاتالايدىغان ھالەتكە كەلدىم، لېكىن ئاغرىق پۈتۈنلەي يوقىمىغانىدى. مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولۇپ، بۇنىڭدا نەتىجە ئېلىشنى مەن ئۇزۇندىن بۇيان ئويلاپ كەلگەن ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ بەدەل تۆلىگەن ئىدىم. تۆت يىل بۇرۇنقى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا بەزىبىر سەۋەبلەر بىلەن قاتنىشالمىغىنىم ئېسىمگە كېلىپ، بۇ قېتىممۇ مۇشۇ سەۋەب بىلەن قېلىپ قالارمەنمۇ، دېگەن ئوي كاللامغا كىرىۋېلىپ، مېڭەمنى يەيتتى، ماڭا نۇرغۇن بېسىم بولدى. بىر كۈنى ئابلېكىمكام مېنى ئىشخانىسىغا چاقىرتىپ: < سەن نېمانچە بېشىڭنى ساڭگىلىتىپ يۈرۈيسەن؟ مەن ساڭا ئىشىنىمەن ! سەن بىر قولۇڭ بىلەنمۇ نەتىجە ئالالايسەن! ئۆزۈڭگە بۇنچىۋالا بېسىم قىلما، سېنىڭ ئالدىڭدا تېخى چوڭلار بار، ئۇلار تېخى نەتىجە ئالالماسلىقتىن بۇنچىلىك قورقمىسا، ساڭا نېمە قويدى؟ ئۆزۈڭنى ئەركىن تۇت، بۇ قېتىم ئالالمىساڭ، كېلەر قېتىم ئالىسەن! ماڭ، كىرىپ خاتىرجەم ئۇيقۇڭنى ئۇخلاپ، ئەتە مەشىققە چىق!> دېدى. باش تىرېنېرنىڭ بۇ سۆزلىرى مېنى يەلكەمدىن ئېغىر تاشنى ئېلىۋەتكەندەك قىلىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن مەن تېز ئەسلىمگە كېلىپ، تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئارقا-ئارقىدىن تۆت ماھىرنى يېڭىپ، چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردۈم. بۇ نەتىجىنىڭ سەۋەبى بىزنىڭ باش تىرېنېرنىڭ گۆھەردەك سۆزلىرى مېنى پۈتۈنلەي ئازاد قىلغانىدى. مېنىڭچە تەنھەرىكەتچى، بولۇپمۇ بوكس تەنھەرىكەتچىسىنىڭ ئەڭ چوڭ رەقىبى يەنىلا ئۆزى ئىكەن، روھىي ھالىتىدىكى بېسىم ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى ئىكەن، شۇنى يېڭەلىگەندىلا، ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى روھىي ھالىتىنى تاپالايدىكەن!»

  مەمەتتۇرسۇن چوڭ دۆلىتىمىز ئىچىدىكى داڭلىق بوكس ماھىرى، ئۇ نۆۋەتتە دۆلەت ئەرلەر بوكس كوماندىسىنىڭ 69 كىلوگىراملىقلار تۈرى بويىچە ئالدىنقى ئورۇندىكى كوزۇر ماھىر، ئۈچ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىڭ چېمپىيونى، 2006-يىللىق دۇنيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 5-لىككە ئېرىشكۈچىسى، 2011-يىللىق ئاسىيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى ۋە باشقا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆپ قېتىملىق لەۋھە تالىشىش ۋە بوكس تەكلىپ مۇسابىقىلىرىنىڭ چېمپىيونى.

  مەمەتتۇرسۇن چوڭ ئابدۇشۇكۈر مىجىت، ئابدۇراخمان ئابلېكىم ۋە باشقا شىنجاڭ بوكسچىلىقى تارىخىدىكى نادىر ئەزىمەتلەرگە ئوخشاش شىنجاڭ خەلقى ياقتۇرىدىغان، ياخشى بىلىدىغان، شىنجاڭ بوكسچىلىقى ئۈچۈن كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ماھىر.

  ئۇ 1988-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسى باغچا يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى چوڭ ئاخۇن دېگەن كىشى تەنھەرىكەتكە ھېرىسمەن ئادەم بولۇپ، ۋاسكېتبول تۈرىنى ياخشى كۆرەتتى. بىراق مەمەتتۇرسۇن ئون يېشىدىن باشلاپ بوكس تەنھەرىكىتىگە ئالاھىدە قىزىقىپ قالدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « 1999-، 2000-يىللىرى ئابدۇشۇكۈر ئاكام، ئابدۇراخمان ئاكامنىڭ مۇسابىقىلىرىنى تېلېۋىزوردىن كۆرۈپ، خەۋەرلەردىن ئاڭلاپ، مېنىڭدە ئۇلارغا ئوخشاش مۇنەۋۋەر بوكسچى بولۇپ، ئەل-ۋەتىنىمگە شان-شەرەپ كەلتۈرۈش ئىستىكى پەيدا بولدى.»بوكسچىلىققا بولغان ئالاھىدە قىزىقىش ۋە ياخشى بولغان تەن ساپاسىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇ 2001-يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە مەكتىپىگە بېرىپ بوكس مەشىقى قىلىدۇ. بىر يىل مەشىقتىن كېيىن، 2002-يىلىغا كەلگەندە، ئاتۇشتا ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايونلۇق بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 2-لىككە ئېرىشىپ، ئەينى چاغدىكى ياش تىرېنېر ئابدۇشۇكۈر مىجىتنىڭ تاللىشى بىلەن شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ زاپاس قوشۇنىغا تاللىنىپ كېلىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەينى چاغدا پۈتۈن شىنجاڭدىن ئۇيغۇر، قازاق، خەنزۇ، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەردىن 70-80گە يېقىن تەنھەرىكەتچى شىنجاڭ بوكس كوماندىسىغا مەشىق قىلغىلى كەلدۇق، بۇ 70-80 تەنھەرىكەتچىدىن ئاخىرىدا شىنجاڭ بوكس كوماندىسىغا قوبۇل قىلىنىدىغىنى كۆپ بولسا 20 نەچچە ئادەم بولاتتى، ئادەم كۆپ بولغانلىقتىن، مەن سىرتتا ئۆي ئىجارە ئېلىپ، سىرتتىن تاماق يەپ، ئىككى ئايغىچە مەشىق قىلدىم. ئىككى ئايلىق مەشىق ۋە مۇسابىقىدىن كېيىن شۇ 20 نەچچە تەنھەرىكەتچىنىڭ ئىچىدىكى بىرسى بولۇپ، كوماندىدا قېلىپ قالدىم.»

  شىنجاڭ بوكس كوماندىسىغا قوبۇل قىلىنىپ سىستېمىلىق بوكس مەشىقىنى قوبۇل قىلغان مەمەتتۇرسۇن چوڭ 2004-يىلى دۆلەت كوماندىسىغا ۋەكالىتەن، ۋىيېتنامدا ئۆتكۈزۈلگەن ياشلار-ئۆسمۈرلەر بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ 2-لىككە ئېرىشىدۇ. 2007-يىلى، ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەن مەمەتتۇرسۇن چوڭ دۇنيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە بەش كۈچلۈكنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ. ئارقىدىن 2008-يىلى دۆلىتىمىزگە ۋاكالىتەن بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ. گەرچە نەتىجە ئالالمىغان بولسىمۇ، لېكىن 20 يېشىدىلا خەلقئارا ئولىمپىك بوكس سەھنىسىگە چىقىپ ئېلىشىشنىڭ ئۆزىمۇ چوڭ بىر شەرەپ ئىدى. 2009-يىلى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا 64 كىلوگراملىقلار ئايرىمىسى بويىچە چېمپىيون بولۇپ، ئۆزىنىڭ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىكى تۇنجى ئالتۇن مېدالىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. 2010-يىلى گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە مەمەتتۇرسۇن چوڭ 14 كە قارشى 10 نەتىجىدە ئەپسۇسلىنارلىق ھالدا ئۆزبېكىستان ماھىرىغا يېڭىلىپ قېلىپ، ئاخىرىدا 3-لىكنى قولغا كەلتۈرىدۇ. 2011-يىلى كورېيەنىڭ ئىنچون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 26-نۆۋەتلىك ئاسىيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە مەمەتتۇرسۇن چوڭ 69 كىلوگىراملىقلار ئايرىمسى بويىچە قازاقىستان ماھىرىنى يېڭىپ چېمپىيون بولىدۇ. 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى قازاقىستاننىڭ ئاستانە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2012-يىللىق لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاسىيا قىتئەسى بويىچە تاللاش سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە، مەمەتتۇرسۇن چوڭ 2 كە قارشى 9 نومۇر بىلەن كۈچلۈك دەپ قارىلىپ كەلگەن ئىران ماھىرىنى يېڭىپ، لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ. 2013-يىلى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا، خۇبېي ماھىرى ليۇ ۋېينى يېڭىپ، چېمپىيون بولىدۇ. 2017-يىلى، تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلگەن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئۇ 1 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن ئىچكى موڭغۇل ماھىرى خۇرچا بىلگەنى يېڭىپ، چېمپىيون بولىدۇ. مەمەتتۇرسۇن چوڭ ئۆزىنىڭ كەسپىي بوكس ھاياتىدا ھازىرغا قەدەر، دۆلەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەر خىل بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە بوكس تەكلىپ مۇسابىقىلىرىدە جەمئىي 21 قېتىم چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھازىرغا قەدەر دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، بىر بوكس تەنھەرىكەتچىسى ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۈم. لېكىن ماڭا نىسبەتەن، تېخى ئەمەلگە ئاشمىغان بىر ئارزۇيۇم بار. ئۇ بولسىمۇ دۇنيا ئولىمپىك مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ئالتۇن مېدال ئېلىش. نۆۋەتتە دۆلەت كوماندىسى بىلەن بىللە، ئالدىمىزدىكى 2020-يىللىق توكيو ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىۋاتقىلى بىر ئايدىن ئېشىپ قالدى، يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن مېنىڭ يېشىممۇ چوڭىيىپ، ھازىر كوماندىدىكى ئەڭ چوڭ ماھىر بولۇپ قالدىم. ئويلايدىغىنىم، بوكس ماھىرىلىقىدىن چېكىنىپ ئارقا سەپكە ئۆتكىچە، دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىز ئۈچۈن بىر ئولىمپىك مېدالىنى قولغا كەلتۈرسەم دېگەن ئۈمىدتىمەن.»

  مەمەتتۇرسۇن چوڭ كوماندىنىڭ يېقىنقى 15 يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشى ئۈستىدە توختۇلۇپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن كەلگەن ۋاقىتتتىكى ياتاق-تاماق، مەشىق زالىمىزنىڭ شارائىتى بىلەن ھازىرقى شارائىت ئوخشىمايدۇ، ھازىر كۆپ ياخشىلاندى دېسەك بولىدۇ. بىراق ئۆزگەرمىگىنى بىزنىڭ كوماندىنىڭ ئەقىدىسى، يەنى مەشىق زالىمىزنىڭ تېمىدىكى «ۋەتەننىڭ شەرىپى ھەممىدىن ئەلا» دېگەن بۇ يادنامىمىز ئۆزگەرمىدى ھەم ئۆزگەرمەيدۇ. شىنجاڭ بوكس كوماندىسىدىكى ماھىرلار مەيلى مۇسابىقىدە بولسۇن، مەيلى مەشىقتە بولسۇن مۇشۇ خىل جەڭگىۋار روھنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ تىرىشىدۇ. شىنجاڭ بوكس كوماندىسىدا ئۇيغۇر، قازاق، خەنزۇ، موڭغۇل قاتارلىق كۆپ مىللەت تەنھەرىكەتچىلىرى بار، بۇرۇندىن تارتىپ كوماندىنىڭ ئىتتىپاقى ناھايىتى ياخشى ۋە ئىناق. بىز مەشىقتە ئۆزىمىزگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، بوكس مەيدانىدا رىقابەتچى بولۇپ ئېلىشساق، بوكس سەھنىسىدىن چۈشكەندىن كېيىن يەنىلا ياخشى ئاكا-ئۇكا، ياخشى قېرىنداش بولۇپ ئۆتىمىز. دەل مۇشۇ خىل پولاتتەك ئىرادە، ئىناق ئىتتىپاق ۋە مەشىق تەرى بىزنىڭ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى دۆلىتىمىز ئىچىدىكى كۈچلۈك كەسپىي كوماندىلارنىڭ بىرى بولۇپ كېلىشىمىزنىڭ ئاساسى. يېقىندىن بۇيان يەنە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كېلىپ، بىزنىڭ دۆلەت كوماندىسى شىنجاڭ گۇرۇپپىسىدا تۇرۇۋاتقان تەنھەرىكەتچىلەرمۇ بار، بىزنىڭ ئورتاق نىشانىمىز، 2020-يىلى توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ياخشى نەتىجە ئېلىش. ».

  (خەلق تورى مۇخبىرى مۇستافا شاۋكەت)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر