«بېيجىڭدىكى ئىستۇدېنتلار <ئىكساق لوڭقىسى> پۇتبول مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزۈلدى (سىن فىلىمى)
مۇسابىقىدىكى نادىر كۆرۈنۈشلەر ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ قىسقىچە سىن فىلىمى
2018.11.02 11:01 مەنبە: خەلق تورى
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىن نادىر كۆرۈنۈشلەر:
يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى نادىر كۆرۈنۈشلەر: «بېيجىڭدىكى ئىستۇدېنتلار 31- نۆۋەتلىك <ئىكساق لوڭقىسى> پۇتبول مۇسابىقىسى» 10- ئاينىڭ 27-، 28- كۈنلىرى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە بېيجىڭدىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردىن تەشكىللەنگەن ئوقۇغۇچىلار كوماندىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچىلەر كوماندىسى بولۇپ، جەمئىي 20 كوماندا قاتناشتى. مۇسابىقە بەش كىشىلىك مۇسابىقە شەكلىدە ئېلىپ بېرىلدى.
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى بۇ پۇتبول مۇسابىقىسى بولسا، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى كومىتېتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا ۋە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ ئىتتىپاق ياچېيكىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقە. بۇ مۇسابىقە 1985- يىلىدىن تارتىپ ھەر يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىلدىكىسى 31- نۆۋەت ئۆتكۈزۈلۈشى. بۇنىڭدا ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردىكى ھەر قايسى مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن كوماندىلارنىڭ قاتنىشىشى قارشى ئېلىندى. بۇ مۇسابىقە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەنىۋى ھاياتىنى بېيىتىش، ئېلىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ياشلارنىڭ پۇتبول قىزغىنلىقىنى ئۆستۈرۈشىگە ھەسسە قوشۇش ھەم شۇنداقلا پۇتبول تەنھەرىكىتى ئېلىپ كەلگەن قىزغىنلىق ۋە خۇشاللىقتىن ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى بىرلىكتە ھۇزۇرلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت