باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بۇرۇن تۈكىنى كېسىشكە بولىدۇ، يۇلۇشقا بولمايدۇ

2018.10.25 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭنەن ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى جۇڭدا دوختۇرخانىسى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ فېي مۇنداق بىر كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېيتتى:

  ئالدىنقى مەزگىلدە، بىر بىمارنىڭ بۇرۇن ئۇچى قىزىرىپ ئىششىش، ئاغرىش كۆرۈلگەن، نەچچە كۈن ئۆتمەيلا، سول يۈزى ۋە بېشى ئاغرىشقا باشلىغان. كېسەل كۆرسەتكەندە، بىمار ئۆزىنىڭ بۇرۇن تۈكىنى يۇلۇش، بۇرۇن كوچىلاش ئادىتىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان. دوختۇرخانىدا يېتىپ كۆزىتىپ ئىككىنچى كۈنى، ئۇنىڭ بۇرنىنىڭ ئۇچىدىكى قىزىرىپ ئىششىغان جايلاردا چىقان پەيدا بولغان. چىقان چىقىشنىڭ سەۋەبى دەل بىمارنىڭ بۇرۇن تۈكىنى يۇلۇش، بۇرۇن كوچىلاش ئادىتىدىن ئىكەنلىكى بايقالغان.

  بۇرۇن شىللىق پەردىسى ئادەم بەدىنىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بولغان قوغداش توسۇقى بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ سىرتقى يۈزىدە «دائىم تۇرۇشلۇق» نۇرغۇن باكتېرىيەلەر دەل بۇ مۇداپىئە لىنىيەسى بولغاچقا ئادەم بەدىنىگە كىرەلمەيدۇ. بۇ بىمار ئادەتتە دائىم بۇرۇن تۈكىنى يۇلۇپ، بۇرنىنى كوچىلايدىغان بولۇپ، بۇرۇن بوشلۇقى شىللىق پەردىلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇنىڭ بىلەن ئەتراپىدىكى باكتېرىيەلەر «پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كىرىۋېلىپ»، يۇقۇملىنىش ۋە بىر قاتار ئاغرىش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. چىقان چىققاندىن كېيىن ۋاقتىدا داۋالاتمىغاندا، يىرىڭلاش ۋە ئاغرىق سېزىمى پەيدا بولۇپلا قالماي، ئېغىر بولغاندا باكتېرىيەلەر قان ئايلىنىشقا كىرىۋېلىپ، قان بۇلغىنىش كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بىمارنىڭ ھاياتىنى خەۋپكە ئۇچرىتىدۇ. بۇرۇن «ئادەم يۈزىدىكى ئۈچ بۇرجەك رايون»غا جايلاشقان بولۇپ، يۇقۇملانغاندىن كېيىن باش ئىچى يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

  ئەگەر بۇرۇن تۈكى بەك ئۇزۇن بولۇپ كېتىپ، گۈزەللىككە تەسىر كۆرسەتسە، دېزىنفېكسىيە قىلىنغان كىچىك قايچا بىلەن مۇۋاپىق قىسقارتىشقا بولىدۇ، كەسكەن چاغدا يورۇقلۇقنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بۇرۇننى يارىلاندۇرۇپ قويۇشتىن ئېھتىيات قىلىش لازىم؛ يەنە مەخسۇس بۇرۇن تۈكىنى تازىلىغۇچ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر