باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئورگانىك يېمەكلىك راكنىڭ ئالدىنى ئالالامدۇ؟

2018.10.25 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇاڭدۇڭلۇق ئوقۇرمەنلەردىن چيەن خانىم مۇنداق سورىدى: مەن دائىم باشقىلارنىڭ ئورگانىك يېمەكلىكلەرنى يەپ بەرگەندە، راكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، دېگىنىنى ئاڭلايمەن، راستىلا مۇشۇنداقمۇ؟

  جەنۇب تېببىي ئۇنىۋېرستېتى جەنۇب دوختۇرخانىسى ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى يوۋ چاڭشۈەن جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ئورگانىك يېمەكلىك سېتىۋېلىش يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ساغلاملىق ئېقىمى بولۇپ قالدى. بەزىلەرنىڭ تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، 50 ياشتىن 59 ياشقىچە بولغانلار ئىچىدە %39 زىيارەت قىلىنغۇچىلار ئورگانىك يېمەكلىك يېيىش راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، دەپ قارايدىكەن، ئەمما 13 ياشتىن 19 ياشقىچە بولغانلار ئىچىدە، بۇ نىسبەت %53كە يېتىدىكەن. ئېنىقلىمىدىن قارىغاندا، «ئورگانىك يېمەكلىك» دېگىنىمىز تېرىش ياكى يېتىلدۈرۈش جەريانىدا ھېچقانداق خىمىيەلىك دېھقانچىلىق دورىلىرى، خىمىيەلىك ئوغۇت، ئوت-چۆپ يوقىتىش دورىسى قاتارلىق غەيرىي تەبىئىي دورىلار ئىشلىتىلمىگەن يېمەكلىكلەر بولۇپ، بىخەتەرلىكى بىر قەدەر يۇقىرى. لېكىن ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ توققۇز يىلغا سوزۇلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇزاق مۇددەت ئورگانىك يېمەكلىكلەرنى قۇبۇل قىلغان ئاياللار بىلەن ئەزەلدىن ئورگانىك يېمەكلىكلەرنى يېمەيدىغان ئاياللارنىڭ راكقا گىرىپتار بولۇش خەۋپىدە پەرق يوق ئىكەن. دېمەك، «ئورگانىك يېمەكلىك يېگەندە راكقا قارشى تۇرغىلى بولىدۇ» دەيدىغان گەپ ئىشەنچىلىك ئەمەس. ساغلام يېيىشتە ئەڭ مۇھىمى يېمەك-ئىچمەكنى كۆپ خىللاشتۇرۇش، شۇ پەسىللىك يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش، ھەر كۈنى ئازراق قاتتىق شاكاللىق مېۋە يېيىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر