باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

چىش چوتكىلىغاندا چىشنىڭ قانىشى بەدەندە كېسەللىك بارلىقىنىڭ ئالامىتى

2018.10.24 17:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چىش مىلىكى قاناش بولسا بەدەننىڭ سىزنى ئاگاھلاندۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ. بۇنى ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئەھۋاللاردا بەلكىم قان كېسەللىكلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، مۇتلەق كۆپ ئەھۋالدا، بۇ چىش مىلىكىنىڭ ياللۇغلىنىشىدىن بولىدۇ. چىش مىلىكى ياللۇغلانغاندا، دەسلەپتە پەقەت يېنىك ھالدىكى چىش مىلىكى قانايدۇ، ئەگەردە داۋالاتمىسا، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چىش بوشاپ قېلىش، ھەتتا چۈشۈپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، يەنى بىز دائىم ئاڭلايدىغان «چىش چۈشۈپ كېتىدىغان» ئەھۋال چىش ئەتراپى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چىش ئەتراپى كېسەللىكى بولۇپمۇ چىش ئەتراپى ياللۇغى يەنە بىر قاتار پۈتۇن بەدەندىكى كېسەللىكلەر بىلەنمۇ ئالاقىدار بولغان بولىدۇ. مەسىلەن: دىيابېت كېسىلى، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسىلى، بۆرەك كېسەللىكلىرى، بالدۇر تۇغۇپ قويۇش ۋە تۇغۇلغان بالىنىڭ ئېغىرلىقى تۆۋەن بولۇش، سۆڭەك ماددىسى شالاڭلىشىش، سېمىزلىك قاتارلىقلار.

  قان شېكىرى ياخشى كونترول قىلىنمىغاندا، ئاسانلا چىش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ

  چىش ئەتراپى كېسىلى ۋە دىيابېتنى «قوشكېزەك»لەر دېيىشكە بولىدۇ. نۇرغۇن دىيابېت بىمارلىرى دائىم چىش مىلىكى قىزىرىپ ئىششىش، قاناش، چىشى بوشاش ئەھۋالىغا يولۇقىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى چىش ئەتراپى ياللۇغىنىڭ تىپىك ئىپادىسى. دىيابېت كېسىلى ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ۋە يارا ئېغىزىنىڭ پۈتۈشى قاتارلىقلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. دىيابېت بىمارلىرى ئاسانلا چىش ئەتراپى ياللۇغىغا گىرىپتار بولىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى غەيرىي دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىغا قارىغاندا تېز بولىدۇ، قان قەنتىنى كونترول قىلىشى ياخشى بولمىغان بىمارلارغا نىسبەەن تېخىمۇ شۇنداق. بەزى ئالىملار چىش ئەتراپى ياللۇغى دىيابېتنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرىدىن بىرى، دەپ قارىماقتا.

  دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىغا نىسبەتەن، ئېغىز تازىلىقىنى كونترول قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، قەرەللىك ھالدا چىش يۇيۇش ۋە زۆرۈر بولغان چىش مىلىكى ئاستىنى قىرىپ داۋالاش ئارقىلىق، چىش ئەتراپى ياللۇغى كېسىلىنى كونترول قىلىش لازىم. قان شېكىرىنى كونترول قىلىشى ئانچە ياخشى بولمىغان (ئاچ قورساق قان شېكىرى mmol/L 11.4 دىن چوڭ بولغان) ئەھۋال ئاستىدا، چىش داۋالاشتىن كېيىن يۇقۇملىنىش خەتىرى زورىيىدۇ، قان شېكىرىنى مۇقىم كونترول قىلغاندىن كېيىن، چىش مىلىكىنى ئادەتتىكىدەك داۋالاتسا بولىدۇ.چىش كېسىلىنى داۋالاتمىغاندا، يۈرەك ئاغرىقىنى يوقاتقىلى بولمايدۇ نۇرغۇن ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، چىش ئەتراپى ياللۇغى ۋە ئارتېرىيە بوتقىىسىمان قېتىش يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ۋە مېڭە سەكتىسى قاتارلىق كۆپ خىل يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. چىش ئەتراپى ياللۇغى بىمارلىرىدا ئاسانلا تاجىسىمان ئارتېرىيە قېتىشىش كۆرۈلىدىكەن. چىش ئەتراپىنى پائال داۋالىتىش يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى خەۋپىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىدىكەن. يۈرەك كىلاپان كېسەللىكى ياكى سۈنئىي كىلاپان ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغان بىمارلار چىش مەنبەلىك كېسەل بولسا ياكى چىشىنى داۋالاتقاندىن كېيىن مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغى پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى يۈز بېرىپ، ھاياتىغا خەۋىپ يەتكۈزىدۇ (داۋالاشتىن بۇرۇن ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ئىشلىتىپ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ).

  ئۈچ خىل كىشىلەر چىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئاسىرىشى كېرەك

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، تەخمىنەن %70 كىشىدە تۈرلۈك ئېغىز بوشلۇقى كېسىلى بولىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە بالىلار، ياشانغانلار، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىك بىمارلىرى قاتارلىق بۇ ئۈچ خىل كىشىلەر ئۆزىنىڭ چىش ساغلاملىقىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى لازىم ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر