باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۇسسۇل ئويناش ئارقىلىق قېرىشنى كىچىكتۈرگىلى بولىدۇ

2018.10.12 16:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياشانغانلار دائىم ئۇسۇل ئوينىسا خۇشال-خۇرام ۋە ساغلام بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ مارىلان ئىشتاتىدىكى ئارتور مورى ئۇسسۇل مەركىزىدە، بىر توپ ياشانغانلار تىرېنېرغا ئەگىشىپ قىزغىن كەيپىياتتا ئۇسسۇل مەشىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئادەمنى ھاياجانلاندۇرىدۇ. 74 ياشلىق ماگىرىت ئۇسسۇلنى ئىنتايىن قىزغىن سۆيىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇسسۇل مەشىقىنى ئەمدىلا باشلىغاندا «باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئويۇن قويۇش»تىن قورققان ئىكەن، بىراق ھازىر تېزراق نومۇر ئورۇنلاشقا بەك ئىنتىزار ئىكەن. ئۇ، ئۇسۇل بولسا ئۆزىنى ئىپادىلەش ۋە ساغلاملىقنى ساقلاشنىڭ بىر خىل ئىنتايىن ياخشى ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇزۇن ۋاقىت تېلېۋىزور ئالدىدا ئولتۇرۇشتىن كۆپ ياخشى ئىكەن، دېدى.

  بۇ مەركەزنىڭ مۇدىرى، تەجرىبىسى مول ئۇسسۇل تىرېنېرى تايسنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، پېنسىيەگە چىققان ئەر- خوتۇنلار ۋە ياشانغان بويتاقلارنىڭ ئۇسسۇل كىچىلىكىگە قاتنىشىشقا تىزىملىتىشىنىڭ ئەڭ كۆپ سەۋەبى: چېنىقىش ئۆيىدىن بىزار بولۇپ، بەزى قىزىقارلىق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇسۇلىنى تېپىش ئىكەن. ياشانغانلار ئۇسسۇل ئويناشنى يېڭىلا ئۆگەنگەندە بەلكىم بىئارام بولغانلىقتىن، پات-پات ئولتۇرۇپ ئارام ئالغان. بىر ئايدىن كېيىن، بۇ كۇرسانتلار پۈتۈن ئۇسسۇل مەشىقى جەريانىنى تاماملىغۇدەك چىدامچانلىققا ئىگە بولغان، بۇ ئىنتايىن خۇشاللىنارلىق ئىلگىرلەش.

  ئامېرىكا يېڭى جېرسىي ئىشتاتى روسمان سۆڭەك كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ فىزىكىلىق داۋالاش-سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇتەخەسسىسى فالكېننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇسسۇل ئويناش قېرىش جەريانىنى ئاستىلىتىپ، ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىگە ھەقىقىي پايدا يەتكۈزىدىكەن. تانسا ئويناش ئۆزىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىدىغان بىر خىل ئۈنۈملۈك چېنىقىش ئۇسۇلى؛ ۋالىس ياشانغانلارنىڭ يۈرەك قان تومۇرلىرىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق. فالكېن يەنە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئۇسۇلچىلار جەزمەن ئورۇنداش كېرەك بولغان تۈرلۈك قىياپەتلەر يادرولۇق مۇسكۇلنى چېنىقتۇرۇشقا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. ئامېرىكا «ياشانغانلار كېسەللىكلىرى ۋە ياشانغانلار تېببىي ئىلمى ئارخىپچىلىقى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئۇسسۇل مەشىقىگە قاتناشقان تېنى ئاجىز ياشانغانلار سېلىشتۇرما گۇرۇپپىسىدىكى ياشانغانلارنىڭ تەڭپۇڭلۇق ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، يىقىلىپ چۈشۈش قېتىم سانى تېخىمۇ ئاز بولغان.

  ئامېرىكا «يېڭى ئېنگلاند تېببىي ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇسسۇل ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىغان بىردىنبىر بەدەن پائالىيىتى ئىكەن. ئۇندىن باشقا، ياشانغانلارنىڭ ئۇسسۇل مەشىق قىلىشى يەنە مۇزىكا ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ مۇكەممەل بىرىكىمىسى بولۇپ، بەدەننىڭ ئىچكى پېپتىدىنى قوزغىتىدىغان تېخىمۇ كۆپ ھورمۇنلارنى ئاجرىتىشىدا تۈرتكىلىك رول ئويناپ، ئادەمنى تېخىمۇ خۇشال ھېس قىلدۇرىدىكەن. ئۇسسۇل ئويناشنىڭ كۆڭۈلنى خوشال قىلىش ئۈنۈمى ئۇۋۇلاشنىڭكىدىن قېلىشمايدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر