باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

مۇتەخەسسىسلەر تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەرگە ھوشيار بولۇشنى ئەسكەرتتى

2018.10.11 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئۆكتەبىر، 9-نۆۋەتلىك جىددىي قۇتقۇزۇشتىكى «ئالتۇن ئون مىنۇت __ مەملىكەت بويىچە ئۆزىنى ئۆزى ۋە ئۆزئارا قۇتقۇزۇش كۈنى» پاراۋانلىق پائالىيىتىدە، ئازادلىق ئارمىيە باش دوختۇرخانىسى 1- تارماق دوختۇرخانىسى ئېغىر كېسەللەر مېدىتسىناسى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خې جۇڭجيې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا، بەزى ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بىر قىسىم تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنىڭ ئالامىتى تىپىك ئەمەس ياكى ئەھمىيەت بېرىلمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن يېرىمدىن كۆپرەك كىشىدە تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش يۈز بېرىشتىن ئىككى ھەپتە بۇرۇنلا ئېنىق ئىپادىسى كۆرۈلىدۇ، شۇڭا ‹تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش ئەتراپى› دېگەن ئۇقۇم ئارقىلىق، تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى بايان قىلىپ، ئالامەتلەر كۆرۈلگەن مەزگىلدە ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىنى توسۇش لازىم.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە «‹تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش ئەتراپى›نى پەرقلەندۈرۈپ، جامائەتنىڭ يۈرەك سوقۇشى تۇيۇقسىز توختاپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش»ى باش تېما قىلىنغان. تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش بولسا ئىنسانلاردىكى ئەڭ ئېغىر بولغان، تۇيۇقسىز قوزغىلىدىغان كېسەللىك. ئىگىلىنىشىچە، ئېلىمىزدە ھەر يىلى تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش يۈز بېرىش سانى 10 نەچچە يىل بۇرۇنقى 545 مىڭدىن ھازىر تەخمىنەن 1 مىليونغا كۆپەيگەن. بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە يۈز بەرگەن ئۆلۈم ۋە ئىقتىسادىي زىيان نىسبىتىدىن قارىغاندا، تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنىڭ ئائىلە ۋە جەمئىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ.

  خې جۇڭجيې مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىماردا كېسىلى قوزغىلىشتىن تەخمىنەن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى كۆكرەك چىڭقىلىش، كۆكرەك ئاغرىش، بىھوشلۇق، كەيپىياتى جىددىيلىشىش، ئۇيقۇسىزلىق، كۈچلۈك روھىي بېسىم قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ چاغدا ھوشيارلىقنى ساقلاپ، ھالەتنىڭ ناچارلىشىشىنى ۋاقتىدا توسۇش لازىم. مەسىلەن، ئاڭلىق ئارام ئېلىش، چارچاشنى پەسەيتىش، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە يېتەكلىشىنى قۇبۇل قىلىش، داۋالاش- ئارىلىشىشنى پائال ئېلىپ بېرىش قاتارلىقلار.

  ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟ خې جۇڭجيې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۈرەك مەنبەلىك تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشكە قارىتا، قاندا ماي ئېشىپ كېتىش ۋە يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تاماكا تاشلاش، ھاراققا چەك قويۇش، يېمەك- ئىچمەكنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش، چېنىقىشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ. تۇرمۇش ئۇسۇللىرى ئۈنۈم بەرمىگەندە، دورا بىلەن داۋالاپ ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ دورا بىلەن داۋالاش ئۈنۈمى يېتەرلىك بولمىغاندا، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر