باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

چىش چوتكىسىنى قۇرغاق تۇتۇش ئارقىلىق، ئۇنىڭدىكى باكتېرىيەلەرنى ئازايتىشنىڭ ئۇسۇلىنى بىلىۋېلىڭ

2018.10.11 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چىش چوتكا قىلى ئارىسىغا چىشتىكى تاماق قالدۇقلىرى ۋە چىش كىر قالدۇقلىرى ئاسانلا چاپلىشىپ قالىدۇ، بۇنىڭغا يەنە مۇنچىدىكى نەم ھاۋا مۇھىتىنىڭ تەسىر قىلىشى بىلەن، ئۇنىڭدىكى باكتېرىيەلەر ئاسانلا كۆپىيىپ كېتىدۇ-دە، نەتىجىدە ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكى ۋە ئاشقازان-ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ خىل ئەھۋالدىن قانداق ساقلىنىش كېرەك ؟

  تەيۋەن لىنكو چاڭگۇڭ دوختۇرخانىسىنىڭ زەھەرلىك ماددىلار تەجرىبىخانىسىنىڭ پەرۋىشچىسى تەن دۇنسى تەيۋەن «ساغلاملىق» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، بۇ خىل ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىر نەچچە تۈرلۈك تەكلىپنى بەرگەن. قېنى ئەمسە، بىز بىرلىكتە ئۇ بەرگەن تەكلىپلەرنى كۆرۈپ باقايلى:

  1. چىش چوتكىسىنى ئىشكاپنىڭ ئىچىگە قويماسلىق كېرەك، ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن، ياخشى قۇرۇتۇپ، يەنە شامال ئۆتۈشىدىغان جازا ئۈستىگە قويۇش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، چىش چوتكىسىدىكى سۇلار قۇرۇپ تۈگەيدۇ-دە، كۆكەرتىش زەمبۇرۇغلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلانغىنى بولىدۇ.

  2. تازىلىق ئۆيىنى پاكىز ۋە قۇرغاق ھالەتتە ساقلاش كېرەك. بۇ، زەمبۇرۇغلارنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىردىنبىر ئۇسۇل. بۇ نۇقتىغا بولۇپمۇ نەم ھاۋالىق رايونلاردىكى كىشىلەر تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك.

  3. چىش چوتكىسىنىڭ قۇرغاق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە يەنە، ھەر كۈنى يۇيۇنىدىغان كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى مۇنچىنى ھەر كۈنى بىر قېتىم سوغۇق سۇ بىلەن يۇيۇپ تازىلاش كېرەك، چۈنكى، ئىسسىق سۇغا قارىغاندا سوغۇق سۇ كۆكەرتكۈچى زەمبۇرۇغنىڭ ئۆسۈشىنى تىزگىنلىيەلەيدۇ، شۇنداقلا يەنە، يەرلەرنى ۋە تاملارنى سۇ بىلەن پاكىز سۈرتۈپ بولغاندىن كېيىن، يەنە نەملىكنى يوقىتىش ئۈسكۈنىسىنى ئېچىپ، مۇنچىنى پاكىز قۇرۇتۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر