باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ماتېماتىكىنى ياخشى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تۈز ئولتۇرۇرۇشنى ئۆگىنىش لازىم

2018.10.10 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ماتېماتىكا ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئاۋۋال بەدەننى تۈز قىلىپ ئولتۇرۇش كېرەك ئىكەن.

  تەتقىقاتچىلارنىڭ دېيىشىچە، يېرىمدىن كۆپ ئوقۇغۇچىدا ياخشى ئولتۇرۇش قىياپىتى بار بولۇپ، مەسىلىنى تېخىمۇ ئاسان ھەل قىلالايدىكەن. سان فىرانسىسكو ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساغلاملىق تەربىيەسى پىروفېسسورى ئېرىك پەپپېر مۇنداق دېدى: «ماتېماتىكىدىن ئەنسىرەيدىغان ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئولتۇرۇش قىياپىتى غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. دۈم يېتىش قىياپىتى ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ نورمال خىزمىتىگە تەسىر كۆرسەتكەچكە، ئامالسىز ئۇلار چوڭقۇر ئويلىيالمايدۇ.» دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، %56 ئوقۇغۇچىنىڭ بەدىنىنى تۈز قىلىپ ئولتۇرۇپ ماتېماتىكا ئىشلىشى بىر قەدەر ئاسان ئىكەن.

  بەدەن قىياپىتى توغرىسىدىكى بۇ بايقاش كىشىلەرنىڭ بېسىم ئاستىدا ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى ئىپادىسىگە تەييارلىق قىلىشىغا پايدىلىق، شۇڭا بۇ پەقەت ماتېماتىكا ئىمتىھانى ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە تەنھەرىكەتچى، مۇزىكانت ۋە ئىجتىمائىي نۇتۇق سۆزلىگۈچىلەرنىڭ ئويۇن باشلىنىشتىن بۇرۇنقى ۋە ئويۇن كۆرسەتكەن چاغلىرىدا تېخىمۇ ياخشى قىياپەتنى ساقلاشتا ئۇلارنى نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ.

  بۇ تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئىسپاتلىنىشىچە، تۇرمۇشنى ياخشىلاشنىڭ بىر خىل ئاددىي ئۇسۇلىدا، بولۇپمۇ بېسىمغا ئۇچرىغان چاغدا، بىزنىڭ بوشلۇقتا ئۆزئارا رول ئېلىش شەكلىمىز باشقىلارنىڭ بىزگە بولغان كۆز قارىشىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە ئۆزىمىزنىڭ كۆز قارىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر