باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىرى: ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرى كۆپ

2018.10.10 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە دۇنيا بويىچە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، شۇنداقلا ساغلاملىق كۆزلىگەن ئۆمۈردىمۇ يەر شارى بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. يېقىندىن بۇيان، ياپونىيە ناگويادىكى شۆيۈن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتلىرىدا، ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنىڭ سىرى ئىچىپ بېرىلگەن بولۇپ − كۈندىلىك يېمەكلىك قوبۇل قىلىش تۈرى قانچە كۆپ بولسا، ساغلاملىق كۆزلىگەن ئۆمرى شۇنچە ئۇزۇن بولىدۇ، دېيىلگەن.

  ناگويا شۆيۈن ئۇنىۋېرسىتېتى ساغلام ئوزۇقلۇق تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى پىروفېسسور شوشى خىروشى ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى ب د ت يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەش مىقدارى چوڭ سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق، يەر شارىدىكى نوپۇسى 1 مىليوندىن ئاشىدىغان 137 دۆلەتنىڭ يېمەكلىكىنىڭ كۆپ خىللىقىغا نومۇر بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭدا ئالدىنقى ئۈچ ئورۇننى ئايرىم-ئايرىم يېڭى زېلاندىيە، ياپونىيە ۋە ئىسپانىيە ئىگىلىگەن. خۇلاسىلانغان ساغلاملىق كۆزلىگەن ئۆمرى ئىستاتىستىكىسىدا (ياپونىيە 73.6 ياش، ئىسپانىيە 71.9 ياش، شىۋېيتسارىيە ۋە ئىتالىيە 71.7ياش) بولغان بولۇپ، تەتقىقاتچىلار بۇنىڭغا قاراپ «يېمەكلىكنىڭ كۆپ خىللىشىش دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا، ساغلاملىق كۆزلىگەن ئۆمرى شۇنچە ئۇزۇن بولىدۇ، ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى ۋە ساغلاملىق كۆزلىگەن ئۆمرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق «ساغلام بولمىغان دەۋرى»گە سېلىشتۇرغاندا نىسبىتى شۇنچە كىچىك بولىدۇ» دەپ يەكۈن چىقارغان. پىروفېسسور شوشى خىروشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېمەكلىك تۈرى ئاز بولسا، قوبۇل قىلغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈپىتى ياخشى بولسا، بۇ مول يېمەكلىكنىڭ ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشقا پايدىلىق بولۇپ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

  نۆۋەتتە، ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ يېمەك - ئىچمەكتە «تاماق تاللاش» ھادىسىسى مەۋجۇت بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە ئوزۇقلۇق ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش، دەپ ئىككى قۇتۇپقا ئايرىلغان بولۇپ، بۇ تۇرمۇش ئادىتى كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب بولۇپلا قالماستىن، ساغلاملىق كۆزلىگەن ئۆمرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر