باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلار ماينى تەڭشەپ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ

بېيجىڭ ئەنجېن دوختۇرخانىسى دورا بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل دوراشۇناسى فاڭ جېنۋېي

2018.10.08 16:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلار كەڭ قوللىنىلىدۇ، B تۈردىكى ۋىتامىنلار كەمچىل بولۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىن سىرت، يەنە يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا كەڭ ئىشلىتىلىدۇ.

  ۋىتامىن B3 (نىكوتىن كېسلاتاسى) قاندىكى ماينى تەڭشەيدۇ. كۆپ مىقداردا نىكوتىن كىسلاتاسى ئىشلەتكەندە قاندىكى ماينى تەڭشەشكە بولىدۇ. دورا ئىشلىتىش مىقدارى 1-2 گرام \قېتىم، بىر كۈندە بىر قېتىم. بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلى ئاساسلىقى ستاتىن تۈرىدىكى دورىلارغا چىدىيالمايدىغان بىمارلارغا ئىشلىتىلىدۇ، ئاۋۋال ئاز مىقداردا (0.375-0.5گرام/ھەركۈنى) ئىشلىتىپ باشلاش كېرەك، تۆت ھەپتىدىن كېيىن مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ئەڭ چوڭ دائىم ئىشلىتىلىدىغان دورا مىقدارىغا يەتكۈزۈشكە بولىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، قاندىكى ماي نورمالسىزلىقىنى داۋالاشقا ئىشلەتكەندە، نىكوتىن كىسلاتاسىنى ئىشلىتىش مىقدارىنى فىزىئولوگىيەلىك ئېھتىياج مىقدارىنىڭ نەچچە يۈز ھەسسىسىگە يەتكۈزۈشكە بولىدۇ، بۇنىڭدا ئەكىس تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن، ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ناچار رېئاكسىيە يۈزى قىزىرىش بولۇپ، يەنە جىگەر زەخىملىنىش، قاندا سۈيدۈك كىسلاتاسى كۆپىيىش كېسىلى، قان شېكىرى ۋە ھەزىم قىلىش يولى بىئارام بولۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا چوقۇم دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە دورا ئىشلىتىش لازىم، ئۆز ئالدىغا دورا ئىشلىتىش ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن مىقدارىنى كۆپەيتىشكە بولمايدۇ.

  ۋىتامىن 9B (يوپۇرماق كىسلاتاسى) H تىپلىق يۇقىرى قان بېسىمىنى داۋالاپ، مېڭە سەكتىسى خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ. H تىپلىق يۇقىرى قان بېسىمى بولسا قان پىلازمىسى بىلەن ئوخشاش يېرىم سىستېئىن ئۆرلەش قوشۇلۇپ كېلىدىغان يۇقىرى قان بېسىم. دۆلىتىمىزنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرى قان بېسىمى بىلەن يۇقىرى ئوخشاش تىپلىق سىستېئىن تەڭ مەۋجۇت بولغاندا، مېڭە سەكتىسى خەۋپ-خەتىرى 11.7 ھەسسە ئاشىدىكەن. نۆۋەتتە ئوخشاش تىپلىق سىستېئىننى تۆۋەنلىتىشتىكى مەلۇم بولغان ئەڭ بىخەتەر ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولسا يۇپۇرماق كىسلاتاسىنى تولۇقلاشتۇر. يوپۇرماق كىسلاتاسى ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ، بىرىنچىسى چوڭ دورا بولۇپ، ھەر بىرى بەش مىللىگرام كېلىدۇ، ئاساسلىقى يوپۇرماق كىسلاتاسى كەملىكتىن كېلىپ چىققان زور گۆدەك قىزىل قان ھۈجەيرىلىك قان ئازلىقنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ يەنە بىر خىلى ئۇششاق دورا بولۇپ، ھەر بىرى 0.4 مىللىگرام كېلىدۇ، ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان دورا بولۇپ، ئاساسلىقى ھامىلىدار ئاياللاردىكى ھامىلە تۇغما نېرۋا نەيچىسى غەيرىيلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى ئىستېمال قىلغاندا، ئاز مىقداردىكى يوپۇرماق كىسلاتاسىنى تاللاپ، ھەر كۈنى ئىككى تال ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر