باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بالىلاردىكى ئالتە بىنورمالىققا ئاساسەن، ئۇلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ

جۇڭنەن ئۇنىۋېرسىتېتى شياڭيا دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل سېستراسى لى چۈنيەن:

2018.09.18 17:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بالىلارنىڭ ساغلاملىقىدىن ئاتا-ئانىلار بەكلا ئەنسىرەيدۇ، شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا بەكلا كۆڭۈل بىلىدۇ، بولۇپمۇ بالىلاردىكى كۆرۈش قۇۋۋىتى مەسىلىلىرىگە ئاتا-ئانىلار بارغانسېرى ئەھمىيەت بەرمەكتە. لېكىن، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىش، يىراقنى كۆرەلمەسلىك ۋە يېقىننى كۆرەلمەسلىككە قارىتا كۆپچىلىكنىڭ بىلىش دەرىجىسى ئانچە مول ئەمەس، دېدى.

  ئۇنداقتا، ئائىلە باشلىقلىرى قانداق قىلغاندا بالىلاردىكى كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىشنى بالدۇر بايقىيالايدۇ؟ بوۋاقلارغا قارىتا ئاتا-ئانىلار چوقۇم بوۋاقنىڭ كۆزىنى ياخشى كۆزىتىپ، بوۋاقنىڭ ساغلام ۋە نۇرلۇق بىر جۈپ كۆزى بارمۇ-يوق؟ كۆزىدە ئالكوكسىللاشتۇرۇش ئاساسىي ئەگەشمە رېئاكسىيەسى بولدىمۇ-يوق؟ ئىككى كۆزىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاشمۇ-يوق؟ كۆز قارىچۇقى ئارىسىدا ئاقارغان ئەھۋال بارمۇ-يوق؟ كۆز ئارقىلىق نەرسىلەرنى كۆرگەندە، كۆزدە تېز سۈرئەتتە تىترەش يۈز بەردىمۇ-يوق؟ قاتارلىق نۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. ئۈچ ياشتىن يۇقىرى بالىلارغا قارىتا، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرۈش جەدۋىلىگە قاراپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەش ھادىسىسىنى بايقىغان ھامان دەل ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرتۈش كېرەك. ئۇندىن باشقا، ئاتا-ئانىلار يەنە بالىلارنىڭ بىنورمال ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىش ئارقىلىقمۇ بالىلاردىكى كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ تۆۋەندىكى بىنورمال ھەرىكەتلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك:

  1 . بالىلار نەرسىلەرنى كۆرگەندە بېشىنى قىڭغىر قىلىپ كۆرۈشنى ياخشى كۆرسە، ئاتا-ئانىلار چوقۇم دىققەت قىلىشى كېرەك؛

  2 . بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش، خەت يېزىش، تېلېۋىزور كۆرۈش كۆز ئارىلىقى بەك يېقىن بولسا، ئاتا-ئانىلار چوقۇم دىققەت قىلىشى كېرەك؛

  3. بالىلار تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە، خەت يازغاندا خەتنى ئېگىز-پەس، مايماق-سايماق يازسا، ئاتا-ئانىلار چوقۇم دىققەت قىلىشى كېرەك؛

  4. بالىلار دىققىتىنى يىغالماي، كۆپ ھەرىكەت قىلسا، ئاتا-ئانىلار چوقۇم دىققەت قىلىشى كېرەك؛

  5 . بالىلارنىڭ كۆزى ئاسانلا تالسا ۋە دائىم كۆزلىرىنى ئۇۋىلىسا، ئاتا-ئانىلار چوقۇم دىققەت قىلىشى كېرەك؛

  6 . بالىلارنىڭ ھەرىكىتى كېلەڭسىز بولۇپ، دائىم يول ماڭغاندا يىقىلىپ كەتسە، ئاتا-ئانىلار چوقۇم دىققەت قىلىشى كېرەك؛

  7. بالىلار داۋاملىق بىر نەرسىلەرنى ئىزدەپ تاپالمىسا، ئاتا-ئانىلار چوقۇم دىققەت قىلىشى كېرەك.

  ئاتا-ئانىلار بالىلاردا يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنى بايقىغان ھامان، چوقۇم ۋاقتىدا بالىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ، كۆز بۆلۈمىدە تەكشۈرتۈشى كېرەك. كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىقىنى داۋالاشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇلى بولسا، كۆز كۆرۈش ئىقتىدارىغا ئاساسەن كۆز ساغلاملىق مەشىقىنى ئىشلەشتىن ئىبارەت. بۇنىڭدا ئادەتتە ئۇنىۋېرسال داۋالاش مۇددىتى ئۇزاق بولغانلىقتىن داۋالاش ئۈنۈملۈك بولماي، ئاسانلا يەنە ئەسلىدىكى ناچار ھالىتىگە يېنىپ قالىدۇ. شۇڭا، قايتا-قايتا قەرەللىك تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىپ تۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، داۋالاشقا ئاكتىپ ماسلىشىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر