باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۈچ خىل كىشىلەر چىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئاسرىشى كېرەك

2018.09.18 17:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كونىلاردا «چىش ئاغرىقى ئاغرىق ئەمەس، چىش ئاغرىقىغا كىشى ئۆلمەس» دېگەن گەپ بار، كونىلارنىڭ بۇ گېپى ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىلغان بولۇپ، چىش ئاغرىقىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى چىش ئاغرىقىنىڭ دەردىنى تارتىپ باققان ھەر بىر ئادەم ئېنىق بىلىدۇ، شۇڭا بىز چوقۇم چىش ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك، بولۇپمۇ، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەل بىمارلىرى چىش ئەتراپى ياللۇغىدىن ئىبارەت بۇ «ئاغرىمايدىغان چىش كېسىلى»دىن تېخىمۇ ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.

  چىش ئەتراپى كېسىلى دېگىنىمىز باكتېرىيە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، چىش ئەتراپى توقۇلمىلىرى ئەتراپىدا يۈز بېرىدىغان ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىغان كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ. كىلىنىكىلىق ئىپادىسى چىش يىلتىزى ياللۇغلىنىش، قاناش، ئاغرىش، ئېغىز پۇراش، چىش بوشاپ قېلىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. چىش ئەتراپى كېسىلى چىش ساغلاملىقىغا پايدىسىز بولۇپ، چىش ئەتراپى كېسەللىكلىرى يەنە يۈرەك كېسىلى، سەكتە، دىيابېت كېسىلى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. كېسەللىك يوشۇرۇن قوزغىلىدىغانلىقتىن، چىش ئەتراپى كېسىلى «ساغلاملىقنىڭ قەرەللىك بومبىسى» دەپ ئاتىلىدۇ.

  چىش ئەتراپى ياللۇغى دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالتە ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنىڭ بېرى دەپ ئاتالغان بولۇپ، نوقۇل چىش ئەتراپى كېسىلى بىمارلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، دىيابېت كېسىلى بار چىش ئەتراپى ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ يارا ئېغىزىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارى ناچار، قان چىقىش مىقدارى زور بولۇپ، قاناش ۋاقتى ئۇزۇن بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، چىش ئەتراپى ياللۇغى بىمارلىرى يەنە ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغان خەتەرلىك كىشىلەر توپى ھېسابلىنىدۇ، بولۇپمۇ ئەرلەر، تاماكا چېكىدىغانلار، سېمىزلەر، يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر.

  ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىككە گىرىپتار بولغان چىش ئەتراپى كېسىلى بىمارلىرى بۆرەك كېسىلى كۆرسەتكۈچلىرىنى ئاڭلىق تەكشۈرۈتۈشى كېرەك، چۈنكى ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى يوشۇرۇن قوزغىلىدىغان بولغانلىقتىن، دەل ۋاقتىدا بايقىغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چىش ئەتراپى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر تۆۋەندىكىدەك تىپىك خەتەرلىك سىگناللارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك:

  1. ياشلاردا سەۋەبى ئېنىق بولمىغان چىش ئەتراپى تېزلىكتە پارچىلىنىش، ئاغرىش، چىش ئەتراپىدىن يىرىڭ ئېقىش ھەمدە ماغدۇرسىزلىنىش، تۆۋەن قىزىتما كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە سەل قارىماي، دەرھال قان تەكشۈرۈتۈش كېرەك، چۈنكى، بۇ بەلكىم ئاق قان راكىنىڭ دەسلەپكى سىگنالى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.

  2. قۇرامىغا يەتكەنلەردە كەڭ دائىرىلىك چىش مىلىكى قىزىرىپ ئىششىش پەيدا بولۇش، چىش مىلىكى قاناش، چىش ئەتراپىدىن يىرىڭ ئېقىش، چىشلىرى بوشاپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە بېرىپ قان شىكىرىنى تەكشۈرۈتۈپ، دىيابېت كېسىلى بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.

  3. يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، مەسىلەن، تاجسىمان ئارتېرىيە كېسىلىنىڭ خەتەرلىك ئالامەتلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

  4. ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغان ئاياللار ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى، ئەڭ ياخشىسى چىش ئەتراپىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈتۈشى كېرەك، چۈنكى، چىش ئەتراپى كېسىلى ھامىلىدار ئاياللاردا بالدۇر تۇغۇپ قويۇش ۋە بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەن بولۇش خەۋپ-خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

  چىش ئەتراپى كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا، قانچە بالدۇر داۋالاتسا ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ. چىش ئوقۇرى سۆڭىكى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، چىش ئەتراپىنىڭ كەينى بىر قەدەر ئاجىز بولغان كېسەل چىشلارنى بالدۇرراق يۇلدۇرۇۋېتىپ، كۆچۈرۈپ داۋالاشقا تېخىمۇ كۆپ سۆڭەكنى ساقلاپ قېلىش لازىم. چىش ئەتراپى كېسىلى ئاسان قايتا قوزغىلىدىغانلىقتىن، قەرەللىك تەكشۈرۈتۈش، ئۆمۈربويى قوغداش كېرەك. يەنە كۈندىلىك تۇرمۇشتا يۇمشاق تۈكلۈك، بېشى كىچىك چىش چوتكىسى ئىشلىتىش كېرەك، سەزگۈر بولمىغان، تەركىبىدە فىتور بولغان چىش پاستىسى، جۇڭگو تېبابىتى دورا ئۆسۈملۈكلىرى بار چىش پاستىسى ۋە ئېغىز چايقاش سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلارنى ئالدىن تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك. چىش چوتكىلىغاندا چىش چوتكىلاش سالمىقىنى ئىگىلەشكە دىققەت قىلىپ، چىش مىلىكىگە زىيان يەتكۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر