باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بالىنىڭ سىقىش كۈچى ئاجىز بولسا، كەلگۈسىدە سالامەتلىكى ناچار بولىدۇ

2018.09.18 14:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بوي ۋە ئېغىرلىقتىن باشقا، سىقىش كۈچىمۇ ساغلاملىقنىڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچى. ئامېرىكا «بالىلار كېسەللىكلىرى ئىلىمى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، بالىلارنىڭ سىقىش كۈچى كەلگۈسىدە سالامەتلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بالا ۋاقتىدىن باشلاپ مۇسكۇلنى چېنىقتۇرۇش كېرەك.

  ئامېرىكا بېلى ئۇنىۋېرسىتېتى، مىچگان ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە يېڭى ئىنگلاند ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرى 235 نەپەر ئوغۇل بالا ۋە 239 نەپەر قىز بالىغا ئىككى يىللىق ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بارغان. تەكشۈرۈش باشلانغاندا، تەتقىقاتچىلار سىناققا قاتناشتۇرۇلغان بالىلارنىڭ سىقىش كۈچى ئەھۋالىنى سىنىغان. نەتىجىسىدە، %27.9 ئوغۇل بالا ۋە %20.1 قىز بالىنىڭ سىقىش كۈچى بىر قەدەر ئاجىزكەن. ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، سىقىش كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ۋە ئاجىز بولغان ئوغۇل بالىلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىش نىسبىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %15.3 ۋە %60.2 بولىدىكەن؛ سىقىش كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ۋە ئاجىز بولغان قىز بالىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىش نىسبىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %21.9 ۋە %51 بولىدىكەن.

  تەتقىقات مەسئۇلى پاۋلو گوردون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاددىي ۋە ئاسان بولغان بۇ سىقىش كۈچى سىنىقى ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئالدىن مۆلچەرلەشكە ئىشلىتىشكە بولۇشى مۇمكىن. سىقىش كۈچى بىر قەدەر ئاجىز بولغان بالىغا قارىتا، كىلىنىكىدا دوختۇر ئۇنىڭغا ئۇنىڭدا سالامەتلىك خەۋپ-خەتىرى مەۋجۇت بولۇش ئېھتىمالى بار، دەپ دىياگنوز قويسا بولىدۇ، تۇرمۇش ئۇسۇلىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنى نىشانلىق يولغا قويۇش كېرەك. كۆپ ھەرىكەت قىلىۋەرسە، سىقىش كۈچى ئېشىشى ناتايىن، ئەمما مۇسكۇل چېنىقتۇرۇش ئوخشاشلا مۇھىم، قورساق قاتلاش، تورنىك تارتىش، يەر بېغىرلاش ۋە قىياغا يامىشىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى چېنىقىشتىكى يامان ئەمەس تاللاشتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر