باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بۆلجۈرگەن يېيىش ئۈچەي ساغلاملىقىغا پايدىلىق

2018.09.17 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۇزۇن مەزگىل ئولتۇرۇش ھازىرقى زاماندىكى نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى پەيدا بولىدۇ، بۇ ھەر خىل ياللۇغ خاراكتېرلىك ئۈچەي يولى كېسەللىكلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېقىندىن بۇيان، ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى بۆلجۈرگەن يېيىشنىڭ بوغماق ئۈچەي ياللۇغى كېسىلىنى يېنىكلىتىشتە ۋە ئۈچەي ساغلاملىقىنى ياخشىلاشتا ئۈنۈمى ياخشى ئىكەن.

  ياللۇغلۇق ئۈچەي كېسىلى ئاساسلىقى يارىلىق بوغماق ئۈچەي ياللۇغى ۋە ئۈچەي كېسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دورا ئارقىلىق ياكى ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش ئارقىلىق بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئالامىتىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ، بىراق بىمارلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ئۇلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلىشتا بەك مۇھىم. ئامېرىكا ماسساچۇسېتس ئىشتاتى ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ياللۇغلىنىشلىق ئۈچەي ياللۇغى بولۇپ قالغان چاشقاننىڭ يېمەكلىكىگە بۆلجۈرگەن پاراشوك بېرىپ كۆزىتىپ بايقىشىچە، چاشقان بۆلجۈرگەن پاراشوكى يېگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بوغماق ئۈچەي ئىچىدىكى ياللۇغلىنىشىنىڭ سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك ئاستىلاپ، بوغماق ئۈچەي دىۋارىدىكى ياللۇغلانغان ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى تۆۋەنلىگەن ھەمدە ئۈچەيدىكى زىيانلىق باكتېرىيەلەرنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، پايدىلىق باكتېرىيە سانى كۆپەيگەن.

  بۇ تەتقىقاتنىڭ باشلىقى، ماسساچۇسېتس ئىشتاتى ئۇنىۋېرسىتېتى ئام خۇرست شۆبە مەكتىپىنىڭ پىرافىسورى شياۋ خاڭ تەتقىقاتنى چۈشەندۈرۈپ: ھازىرقىدەك ئۇزۇن مەزگىل ئولتۇرۇپ ھەرىكەتسىز تۇرۇشتەك تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە يۇقىرى قەنىتلىق، يۇقىرى مايلىق، ھەمدە تالا مىقدارى تۆۋەن بولغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش ئۇسۇللىرى سەۋەبىدىن، بوغماق ئۈچەي ياللۇغى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ سانى ئېشىشى مۇمكىن ۋە ياللۇغ تىپىدىكى ئۈچەي كېسىلىنىڭ خەۋپ-خەتىرى يامانلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش تەس، لېكىن، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلاش ۋە يېمەك-ئىچمەك ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلغىنى بولىدۇ. مەسىلەن، ھەر كۈنى 250 گىرام بۆلجۈرگەن يېيىش ئارقىلىق، ئىچ سۈرۈش ئالامىتىنى يېنىكلىتىپ ۋە بوغماق ئۈچەي توقۇلمىلىرى ياللۇغىنى پەسەيتىپ، ياللۇغ تىپىدىكى ئۈچەي كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىيانلىق باكتېرىيەلەرنى ئازايتىپ، ساغلام بولغان باكتېرىيەلەرنى كۆپەيتكىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئۈچەي يوللىرىدىكى باكتېرىيە توپىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر