باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ھەممە كېسەل ئاچچىقلىنىشتىن كېلىدۇ

ئاچچىقىنى بېسىشنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇلىنى بىلىۋېلىڭ

2018.09.13 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زىيارەت قوبۇل قىلغان مۇتەخەسسىسلەر: بېيجىڭ خۇيلوڭگۇەن دوختۇرخانىسى كىلىنىكىلىق پىسخولوگىيە بۆلۈمىنىڭ پىروفېسسورى پېڭ شۈ، پايتەخت تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى بېيجىڭ جۇڭگوچە داۋالاش دوختۇرخانىسىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى جاڭ شېڭشېڭ

  ئاچچىقىنى بېسىۋېلىشنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇلى

  خۇشال بولغاندا كۈلۈش ۋە خاپا بولغاندا ئاچچىقلاش ئادەملەرنىڭ تۇغما ئىقتىدارىدۇر. ئادەم بىر ئۆمۈر خاپا بولمايمەن، دېيەلمەيدۇ. ئەمما بىز ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە خاپا بولۇش قېتىم سانىمىزنى ئازايتىشىمىز كېرەك. ئۇنداقتا، بىز تۆۋەندە ئاچچىقىنى پەسەيتىپ، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرىدىغان بىر قانچە ئۇسۇلنى ئۆگىنىپ ئۆتەيلى:

  مۇھىم بولمىغان نەرسىلەرنى تېپىپ، ئاچچىقىڭىزنى چىقىرىۋېلىڭ. خاپا بولغان چېغىڭىزدا، ئۇنى كۆڭلىڭىزگە ئېلىۋالماي، تىنچ ياكى بىخەتەر جايغا چىقىپ ۋارقىراپ يىغلىۋېلىڭ. ئۇندىن باشقا، يەنە ئاچچىقىڭىزنى مۇھىم بولمىغان نەرسىلەردىن چىقىرىڭ. مەسىلەن، كېرەكسىز گېزىتلەرنى پارچە-پارچە يىرتىش، ياستۇقلارنى زەردە بىلەن ساپاغا تاشلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئاچچىقىڭىزنى چىقارسىڭىز بولىدۇ.

  شىددەت بىلەن يۈگۈرۈڭ. ئاچچىقىڭىز دەھشەت كەلگەن ۋاقىتتا، باغچىغا بىرىڭ ياكى بىنانىڭ ئاستىدا شىددەت بىلەن تاكى ھېرىپ ھالىڭىزدىن كەتكۈچە يۈگۈرۈڭ. بۇ ئارقىلىق قەلبىڭىزگە يوشۇرۇنغان ئاچچىقنى چىقىرىپ تاشلىيالايسىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەرىكەت يەنە بەدىنىڭىزدىكى دوپامىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، غەزىپىڭىزنى تۈگىتىپ، سىزنى خۇشال قىلىدۇ.

  چوڭقۇر نەپەس ئېلىڭ. خاپا بولغان ۋاقتىڭىزدا، تېز ئېشىۋاتقان بىر ئېنېرگىيەنى ھېس قىلالايسىز، خۇددى «ئاچچىق يۈرىكىڭىزنى يىرىۋەتكەندەكلا». بۇ چاغدا، ئالدى بىلەن ئىچىڭىزدە ئونغىچە ساناڭ، ئاندىن كۆزىڭىزنى يۇمۇپ چوڭقۇر نەپەس ئېلىڭ، غەزەپلەنگەندە گەپ قىلىش سۈرئىتىڭىزنى ئاستىلىتىپ، غەزىپىڭىزنى ئىپادىلەشكە ئالدىرىماڭ، چوڭ مېڭىڭىزنى سەگەك تۇتۇپ، جىسمانىي ۋە روھىي ھالىتىڭىزنى تەڭشەڭ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ئاچچىقلىنىش ياشانغانلاردىكى كۈتۈلمىگەن يۈرەك-مېڭە كېسەللىكلىرىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا، ياشانغانلار خاپا بولغان ۋاقىتتا، قىزىقارلىق يۇمۇرلۇق نەرسىلەرنى كۆپ ئاڭلىشى ۋە كومېدىيەلىك كىنولارنى جىقراق كۆرۈشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەشكە بولىدۇ. مەسىلەن، جىگەردىكى ئاچچىقنى ھەيدەشكە ياردىمى بار يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى ۋە يەلنى ھەيدەيدىغان ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى جىقراق يېيىشكە بولىدۇ. مەسىلەن، كەرەپشە، يېسىۋېلەك، ئاچچىق كاۋا، ئاچچىق كۆكتات قاتارلىقلار.

  پېڭ شۈ ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: خاپا بولۇش ئادەمنىڭ نورمال كەيپىياتى، لېكىن خاپا بولۇش ۋاقتى ئامال بار ئىككى مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئەگەر تۇرمۇشىڭىزدا خاپا قىلىدىغان ئىشلارنىڭ بەك كۆپلۈكىنى ھېس قىلىپ، قانداقلا قىلسىڭىز كاللىڭىزدىن ئۆتمىسە، ئۇنداقتا سىز كەسپىي پىسخىكا دوختۇرلىرىدىن مەسلىھەت سورىشىڭىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر