باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

تۇيۇقسىز كۆكرەك چىڭقىلىپ يۈرەك سوقۇش رېتىمسىزلىشىش يۈز بەرگەندە، ئۇنىڭغا سەل قارىماي، ۋاقتىدا داۋالىتىشقا ئەھمىيەت بېرىلسە، ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشقا بولىدۇ

يۈرەك سوقۇش رىتىمسىزلىقى سەۋەبىدىن ئېھتىمال تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشىڭىز مۇمكىن

2018.09.13 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زىيارەتنى قوبۇل قىلغان مۇتەخەسسىس: شەرقىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى جوڭدا دوختۇرخانىسى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ئىچكى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى يې شىڭجوۋ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش ھادىسى تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەر ئادەتتە، ئۇنى ئالدىن ھېس قىلالمىغاچقا، تۇيۇقسىز يۈز بېرىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمما ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە ھەر يىلى 500 مىڭچە ئادەم يۈرەك كاشىلىسى سەۋەبىدىن تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئادەملەردىن %80ىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى يۈرەك رىتىمسىزلىقىدىن كېلىپ چىقىدىكەن. شەرقىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى جوڭدا دوختۇرخانىسى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ئىچكى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى يې شىڭجوۋ مۇنداق دەپ ئەسكەرتتى: ئەگەر تۇيۇقسىز كۆكرەك چىڭقىلىپ يۈرەك سوقۇش رېتىمسىزلىشىش، باش قېيىش ۋە يۈرەك سانجىقى قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ئۇنىڭغا سەل قارىماسلىق كېرەك. يۈرەك سوقۇشنىڭ رىتىمسىزلىقىنى پەقەت بالدۇر بايقاپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ داۋالاتقاندىلا، ئاندىن يۈرەكنىڭ تۇيۇقسىز رېتىمسىزلىشىپ سوقۇشى تۈپەيلىدىن تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشتەك تىراگېدىيەنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

  يۈرەك رىتىمسىزلىقى يۈرەك سوقۇش رىتىمىنىڭ نورمال بولماسلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يۈرەكنىڭ سوقۇشى زىيادە تېز بولۇش، ياكى يۈرەكنىڭ سوقۇشى زىيادە ئاستا بولۇش ۋە يۈرەك رىتىمسىز سوقۇش قاتارلىقلار يۈرەك رىتىمسىزلىقىغا كىرىدۇ. ئەگەر يۈرەكنىڭ سوقۇش چاستۇتىسى 100 قېتىم / مىنۇتتىن يۇقىرى بولسا، بۇ يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىپ كەتكەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر يۈرەكنىڭ سوقۇش چاستۇتىسى 60 قېتىم / مىنۇتتىن تۆۋەن بولسا، بۇ يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە ئاستا بولۇۋاتقانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يېنىك دەرىجىدىدىكى يۈرەك رىتىمسىزلىقىدا ھىس قىلغىلى بولىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ ياكى يەڭگىل بولىدۇ، بۇ ئادەم بەدىنىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ. ئەمما، ئاز ساندىكى ئېغىر دەرىجىدىدىكى يۈرەك رىتىمسىزلىقى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەچكە، قۇتقۇزۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا، بۇ خىل ئەھۋال ئادەتتە يۈرەك مەنبەلىك تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب ھېسابلىنىدۇ.

  يې شىڭجوۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يۈرەك رىتىمسىزلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كۆپ ھاللاردا ئۇنىڭ ئىپادىسى يېنىك دەرىجىدە بولۇپ، يۈرەك سىقىلىش، كۆكرەك چىڭقىلىش، باش قېيىش، بەزىدە يۈرەك سانجىقى قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئەمما بۇنىڭغا ئاسانلا سەل قارىلىدۇ. شۇڭا، بۇنداقلار گەرچە دەسلەپكى تەكشۈرتكەندە "نورمالكەن" دەپ دىئاگنوز قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنداقلارنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر