باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

قورۇق چۈشمىسۇن دېسىڭىز ئازراق يەڭ

2018.09.12 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قورۇقنىڭ ئازراق بولۇپ، يىللارنىڭ ئىز قالدۇرماسلىقىنى ئويلامسىز؟ ئۇنداقتا ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئازراق يەڭ، دېگەن تەكلىپىنى سىناپ بېقىڭ. بۇنداق بولغاندا، قېرىشىڭىز كېچىكتۈرۈلۈپ، تېخىمۇ ياش، تېخىمۇ ئۇزۇن ياشايسىز.

  برىخام ياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئىككى گۇرۇپپا چاشقاننىڭ بەدىنىدە تەجرىبىنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر گۇرۇپپا چاشقان قانچىلىك يېگۈسى كەلسە شۇنچىلىك يېگەن، يەنە بىر گۇرۇپپىدا بولسا چاشقاننىڭ يېمەكلىكىگە چەكلىمە قويۇلۇپ، ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىشى ئالدىنقىسىدىن %35 تۆۋەن بولغان. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىشتىھاسى كونترول قىلىنغان كىچىك چاشقاننىڭ زېھنى تېخىمۇ ئۇرغۇپ، ئاسان كېسەل بولۇپ قالمىغان.

  تەتقىقاتچىلار «مولېكۇلا ۋە ھۈجەيرە ئاقسىل گۇرۇپپىسى ئىلمى» ئەڭ يېڭى بىر سان قەرەللىك ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭدا: ئاز يېيىش ھەرخىل ئاقسىللارنى بىرىكتۈرۈشكە قاتنىشىدىغان رىبوزومىلارنىڭ پائالىيىتىنى ئاستىلىتىپ، ئاقسىل مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، رىبوزومانىڭ ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئۈچۈن ۋاقىت يارىتىپ بىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئورگانىزمنىڭ تەبىئىي قېرىش جەريانى كېچىكتۈرۈلىدۇ. بۇ، قورۇقلارنىڭ ئازىيىشى، كېيىنرەك قورۇق چۈشۈش ياكى چاچ كېچىكىپرەك ئاقىرىشتا ئىپادىلىنىدۇ، دېدى.

  تەتقىقات دوكلاتىنىڭ ئاپتورى جون پىرىس چۈشەندۈرۈپ: رىبوزوما خۇددى بىر ئاپتوموبىلغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇمۇ قەرەللىك ئاسراشقا، ئۇپرىغان زاپچاسلارنى ئالماشتۇرۇشقا موھتاج. تاماق مىقدارىنى ئازايتقاندا، بىر قاتار بىيولوگىيەلىك ۋە خىمىيەلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ ياردىمى ئارقىلىق، بۇ «ئاپتوموبىل» تېخىمۇ ياخشى يۈرۈشۈپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ، دېدى. لېكىن پىرىس ئەسكەرتىپ، ئادەم يالغۇز يېمەك-ئىچمەكتىكى ئىسسىقلىق مىقدارى ئارقىلىقلا ياشلىق باھارىنى مەڭگۈ ساقلاپ قالالمايدۇ، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر