باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىش ئۇلارنىڭ كېلەچەكتە زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق

2018.09.10 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئالىملىرى يېقىندا ئەنگلىيەنىڭ «BMC ھامىلىدارلىق ۋە تۇغۇت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان تەتقىقاتىدا مۇنداق دېدى: ئانا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ئىشلەتسە، بالىنىڭ زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن، لېكىن ئەگەر بالا تۇغۇلغاندىن كېيىنكى 6 ئاي ئىچىدە ساپ ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بولسا، ئۇنداقتا بۇنداق خەۋپ-خەتەر تۆۋەنلىتىلىشى مۇمكىن.

  ئانا سۈتى بىلەن بېقىش بىلەن بالىلارنىڭ زىققا كېسىلى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى شىنخۇا دوختۇرخانىسى قاتارلىق ئاپپاراتلارنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 2015- يىلى 6- ئايدىن 2016- يىلى 1- ئايغىچە، شاڭخەيدە كېسەللىك مىساللىرىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 634 نەپەر بالا ۋە زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولمىغان 864 نەپەر بالا تەتقىقاتقا قاتناشتۇرۇلغان، ئۇلارنىڭ ياش ئارىلىقى 3 ياشتىن 12 ياشقىچە بولغان.

  تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئانىلارنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ئىشلىتىشى بىكەن بالىلارنىڭ زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشى ئوتتۇرىسىدا «مۇھىم باغلىنىشى» مەۋجۇت، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل مۇناسىۋەت ئوغۇل بالىلاردا ۋە سەزگۈرلۈك كېسىلىدە جەمەت تارىخى بار بالىلاردا ئىنتايىن روشەن بولىدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ۋە زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولمىغان بالىلارغا نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ ئانىسى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئىشلەتكەن ئانتىبىيوتىك دورىلارنىڭ نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %7.1 ۋە %3.5 بولغان.

  بىراق، تەتقىقاتلاردا يەنە بايقىلىشىچە، بۇ خىل مۇناسىۋەت تۇغۇلۇپ ئالتە ئاي ئىچىدە ساپ ئانا سۈتى بىلەن بېقىش تاپمىغان بالىلار ئىچىدە مەۋجۇت بولىدىكەن، ئەمما تۇغۇلۇپ ئالتە ئاي ئىچىدە ساپ ئانا سۈتى بىلەن بېقىش تاپقان بالىلار ئارىسىدا بولسا، بۇ خىل مۇناسىۋەتنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى تېخى بايقالمىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر