باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

پىسخىكىلىق يېشى قانچە كىچىك بولسا قېرىش شۇنچە ئاستا بولىدۇ

2018.09.10 14:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان كۆپ خىل تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، «سۇبيېكتىپ يېشى» بىلەن ئەمەلىي فىزىيولوگىيەلىك يېشىنى سېلىشتۇرسا، خامۇشلۇق كېسىلى، دىيابېت كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ۋە ئۆلۈپ كېتىش خەتىرىنى توغرا مۆلچەرلىگىلى بولىدىكەن. ئامېرىكا «ئەقلىي» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان فىرانسىيە ئىسپاتلىغان تەتقىقاتتا مۇنداق دېيىلگەن: پىسخىكىلىق تۇيغۇ شۇنچە ياش بولسا، ساغلاملىق دەرىجىسى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.

  فىرانسىيە مونتپېليېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى يانىك ستىۋ ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى بىر تۈرلۈك چوڭ تىپلىق تەتقىقات سانلىق مەلۇماتىنى رەتلەپ ئانالىز قىلغان. سىناققا قاتناشتۇرۇلغانلار بولسا، 1957- يىلى ۋە 2011- يىلىدىكى ئوخشاش بولغان ئەقىل بۆلۈنمىسى سىنىقىنى ۋە «سۇبيېكتىپ يېشى»نى باھالاشنى قوبۇل قىلغانلار ئىكەن. نەتىجىدە ئۇلار شۇنى بايقىغانكى، 20 ياش ئەتراپىدا بولغان ئەقىل بۆلۈنمىسى يۇقىرى كىشىلەر 70 نەچچە ياشقا كىرگەندە ئۆزىنى تېخىمۇ ياش ھېس قىلىدىكەن، ئۇلارنىڭ «سۇبيېكتىپ يېشى» ئوتتۇرىچە ھېسابتا قارىغاندا فىزىيولوگىيەلىك يېشىدىن %17 ياش بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلار سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ تەربىيەلىنىش سەۋىيەسى ۋە خاراكتېر ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلارنى ئويلىنىش كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈپ ئانالىز قىلغاندىن كېيىن بايقىشىچە: پىسخىكىلىق يېشى قانچە كىچىك بولسا، قېرىش شۇنچە ئاستا بولىدىكەن.

  ستىۋ دوكتور تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: تەشۋىشلىنىش ۋە كېسەللىك قاتارلىق ساغلام بولمىغان ھالەت كىشىنى ئۆزىنى ياشىنىپ قالغاندەك ھېس قىلدۇرىدۇ؛ «سۇبيېكتىپ يېشى» چوڭ كىشى، تەن پائالىيىتى ئاڭسىز ھالدا چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، ھەرىكەت قىلىشنى خالىمايدۇ، بېسىمغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ناچار، بەدەن ئەھۋالىغا بولغان قارىشى تېخىمۇ پاسسىپ، ئاخىردا كېسەل چىرمىۋېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ. ئەكسىچە، ئەقىل بۆلۈنمىسى يۇقىرى كىشىلەر توپى تېخىمۇ مۇرەككەپ ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى ساغلام بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قىزىققاق، بىلىم ئېلىش ئىستىكى ۋە ھاياجان تۇيغۇسى كۈچلۈكرەك بولۇپ، ئۆزىنى تېخىمۇ ياش ھېس قىلىدۇ. بۇ خىل كىشىلەر توپى قېرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر تەرەپلىمىلىك قارىشىنى ئاسانلا يېڭىپ كېتەلەيدۇ.بۇ خىل كەيپىيات ساغلام ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتەك ئىشلارنىڭ ياخشى يۈرۈشۈش يولىغا كىرىشىگە پايدىلىقتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر