باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

پاقالچاق ئاغرىسا دىققەت قىلىڭ، بەلكىم ئۇ ۋېنا قان نوكچىسىنىڭ كاشىلىسى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن

2018.09.04 13:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەگەر قان تومۇرنى دەرياغا ئوخشاتساق، قان نوكچىسى دەريادىكى لايدىن ئىبارەت بولۇپ، ئېقىننى بويلاپ تۆۋەنگە ئېقىپ، ھەممە يەردە توختايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ۋېنا قان نوكچىسى ئەڭ خەتەرلىك بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى پۇت ۋە ئۆپكىدە پەيدا بولىدۇ، پۇت قىسمىدا قان نوكچىسى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ، ئۆپكە قان نوكچىسى ئەڭ خەتەرلىك بولۇپ، يوشۇرۇن قاتىل خاراكتېرىگە ئىگە. ئۇ ئەمەلىيەتتە قاننىڭ ئېقىش سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولۇشى، قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسىنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشى ۋە تاشقى زەخىم قاتارلىقلارنىڭ ئاساسلىق شەكىللىنىش سەۋەبى بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت دوختۇرخانىدا يېتىپ قېلىش، ئوپېراتسىيە قىلىش، ھەرىكەت قىلىشنى ياقتۇرماسلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قان نوكچىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  تۆۋەندىكىدەك يەتتە خىل كىشىلەر ئاسانلا ۋېنا قان نوكچىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ:

  1. ئۇزۇن ۋاقىت ئايروپىلانغا ئولتۇرىدىغان، يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدەش بوشلۇقى تار بولۇپ، ئىككى پۇتى ھەرىكەتسىز بولۇپ قالىدىغانلار

  2. ئادەتتە ۋېنا ئەگرى-بۈگرى كېڭەيگەنلەر

  3. پۇتى دائىم ئىششىغانلار

  4.ئۇزۇن ۋاقىت ئۆرە تۇرغان ياكى ئۇزۇن ئولتۇرغانلار

  5. پۇتى سۇنغان ئادەم

  6.قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش ۋە قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغانلار

  7. زىيادە ھەرىكەت قىلىپ، قان تومۇر دىۋارىنى زەخىملەندۈرگەنلەر

  نۇرغۇن بەدەن ئەزالىرىدا ۋېنا قان نۆكچىسى تۆۋەنكى مۈچىگە ئەڭ ئامراق بولىدۇ. تەخمىنەن 50~60 پىرسەنت تۆۋەنكى مۈچە چوڭقۇر ۋېنا قان نوكچىسى بىمارلىرىنىڭ ھەممىسى پۇتى ئاغرىيدۇ. مەيلى قان نوكچىسى پاچىقىدا بولسۇن ياكى يوتىسىدا بولسۇن، ئادەتتە ئاغرىش پاچىقىنىڭ ئىچىگە يىغىلىدۇ. تۆۋەنكى مۈچە چوڭقۇر ۋېنالىرىدا قان نۆكچىسى شەكىللەنگەن ھامان، بىمار كارىۋاتتا يېتىپ ئارام ئېلىپ، ماڭغانلىقتىن قان نوكچىسى چۈشۈپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۆپكە كەپلەشمىسى پەيدا بولۇش پۇرسىتىنى ئازايتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر