باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئەنگلىيەدىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇزاق مەزگىل ئولتۇرغاندا، مېڭىدىكى قان ئېقىمى ئازىيىپ كېتىدىكەن

2018.09.03 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھەممىگە ئايان بولغىنىدەك، ئۇزاق ئولتۇرۇش سالامەتلىككە پايدىسىز، بەدەن ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇۋەتكەندىن سىرت، دۈمبە ئاغرىقى، پۇت كېسەللىكلىرى، نېرۋا سىستېمىسىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. ئامېرىكا «مېدىتسىنا تېز خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە لىۋېرپول جون مورېس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرىدىغان كىشىلەردە چوڭ مېڭىدىكى قان ئېقىم مىقدارىنىڭ ئازىيىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىغان.

  تەتقىقاتچىلار قاتناشقۇچىلارنىڭ ئولتۇرۇپ قىلىدىغان خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋاقتىنىڭ تۆت سائەت بولۇشىنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ئۈچ قېتىم سىناق ئېلىپ بارغان. تۇنجى قېتىملىق سىناق داۋامىدا، قاتناشقۇچىلار ئىزچىل ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلغان، پەقەت ھاجەتخانىغا بارغاندىلا ئورۇندۇقتىن ئايرىلغان؛ ئىككىنچى قېتىملىق تەجرىبىدە، ئۇلار ھەر يېرىم سائەتتە ئورنىدىن تۇرۇپ، يۈگۈرۈش ماشىنىسىدا ئىككى مىنۇت ئاستا ماڭغان؛ ئۈچىنچى قېتىملىق سىناق داۋامىدا، ئۇلار ئورۇندۇقتا ئىككى سائەت ئولتۇرۇپ، ئاندىن يۈگۈرۈش ماشىنىسىدا سەككىز مىنۇت ماڭغان. ھەر قېتىم سىناق قىلغاندا، قاتناشقۇچىلار ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، چوڭ مېڭە قان ئېقىم مىقدارىنى ئۆلچىگەن. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۈچ قېتىملىق تەجرىبە داۋامىدا، بارلىق قاتناشقۇچىلارنىڭ مېڭە قان ئېقىم مىقدارى ئازىيىپ كەتكەن. لېكىن يول مېڭىش نورمال قان ئايلىنىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق بولغان. ئەڭ ياخشى نەتىجە شۇكى، ھەر 30 مىنۇتتا ئورۇندىن تۇرۇپ، ئىككى مىنۇت ھەرىكەت قىلىش ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر