باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

گىلۇكۇرونىدازا ئارقىلىق ھۆسن تۈزەشتىكى مۇھىم «ئۈچ سوئال»

2018.08.31 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گىلۇكۇرونىدازا مىكرو شەكىل تۈزەش جەريانىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدىغان بۇ ماتېرىيالى گىئالۇرونىدازانىڭ چىرايىنى بۇزۇۋېتىش دېلوسى بىلەن بارغانسېرى كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولۇپ كەتتى. گۈزەللىكنى سۆيىدىغان كىشىلەر گىئالۇرونىدازانى قانداق تاللاش كېرەك؟ مۇشۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن مۇخبىر يېقىندا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى تېخنىكىسىنى باھالاش مەركىزىنىڭ ئۈچ بۆلۈمىنى زىيارەت قىلىپ، كۆپچىلىككە گىئالۇرونىدازاغا ئىلمىي، ئاقىلانە مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگەتتى، قىنى ئەمسە بىرلىكتە مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى كۆرۈپ باقايلى:

  بىرىنچى سوئال گىلۇكۇرونىدازا دېگەن نېمە؟

  گىئالۇرونىدازانىڭ ئىلمىي نامى گىئالۇرونىك كىسلاتا(Hyaluronic acid,HA )، بىر خىل ھۈجەيرە سىرتقى ئاساسىي ماددا تەركىبى بولۇپ، ئادەتتە ناترىي تۇزى شەكلىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ( يەنى ناترىي گىئالۇرونات )، ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى بوغۇم كۆمۈرچىكى قاتارلىق توقۇلمىلارغا كەڭ تارقالغان. ئۇ توقۇلما تولدۇرما دورىسى سۈپىتىدە يۈز قىسمىغا ئوكۇل قىلىنسا، تىرەك ئارقىلىق تولدۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، شۇنىڭ بىلەن قورۇق يوقىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، نۆۋەتتە مىكرو شەكىل تۈزەش ساھەسىدە كەڭ قوللىنىلىدۇ.

  «داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ناترىي گىئاليۇمىنات مەھسۇلاتلىرىنى باشقۇرۇش تۈرى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ( دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى 2009-يىلى 81-نومۇرلۇق ) دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، كىلىنىكىدا ئوخشاش بولمىغان ئىشلىتىش ئورنى (ماس كېلىدىغان كېسەللىكلەر)گە ئاساسەن، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ناترىي گىئالۇرونات (ناترىي ئەينەك كىسلاتاسى) مەھسۇلاتلىرىنى تۆۋەندىكى ئەھۋاللار بويىچە ئايرىم-ئايرىم باشقۇرۇش كېرەك:

  ( 1 ) بوغۇم ياللۇغى، كۆز قۇرغاقلىشىش، تېرە يارىسىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان بەلگىلىك فارماكولوگىيەلىك رولى بار مەھسۇلاتلار دورا بويىچە باشقۇرۇلىدۇ.

  ( 2 ) كۆز ئوپېراتسىيەسى مەھسۇلاتى، تاشقى ئوپېراتسىيە چاپلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەھسۇلاتى، توقۇلما سىغىمىنى كۆپەيتىش مەھسۇلاتى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى داۋالاش ئەسۋابلىرى بويىچە باشقۇرۇش.

  يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى تۈرگە ئايرىش مۇندەرىجىسى»گە ئاساسەن، توقۇلما سىغىمىنى ئاشۇرىدىغان ناترىي گىئالۇرونات مەھسۇلاتلىرى تەۋە بولغان 1-دەرىجىلىك مەھسۇلات تۈرى «09 شەكىل تۈزەش ۋە ئادەتتىكى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە كۆچۈرۈلگەن ماددا» قىلىپ تولدۇرۇلىدۇ، ئۇنىڭغا قاراشلىق 2-دەرىجىلىك مەھسۇلات تۈرى «02 شەكىل تۈزەشتە ئىشلىتىلىدىغان ئوكۇل قىلىپ تولدۇرۇلىدىغان ماددا» بولۇپ، 3-تۈردىكى (يەنى ئەڭ يۇقىرى خەۋپ-خەتەر) داۋالاش ئۈسكۈنىسى بويىچە باشقۇرۇلىدۇ. توقۇلمىلارنىڭ ھەجىمىنى ئاشۇرۇشنى كۆزلىگەن ئىشلىتىش ئورنى بولمىغان ئوكۇل قىلىپ ھۆسن تۈزەش مەھسۇلاتلىرىنىڭ كونكرېت تەركىبى ۋە ئاساسلىق تەسىر قىلىش مېخانىزمى بويىچە، ئۇنىڭ داۋالاش ئۈسكۈنىسىگە كىرىدىغان-كىرمەيدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش كېرەك.

  ئىككىنچى سوئال: گىئالۇرونىدازا بىخەتەرمۇ؟

  ساپ، خىمىيەلىك گىرەلەشتۈرۈلمىگەن ناترىي گىئالۇرونات ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، توقۇلمىلارنىڭ رېئاكسىيەسى بىر قەدەر كىچىك، پارچىلىنىش سۈرئىتى بىر قەدەر تېز، بىخەتەرلىكى بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ، لېكىن توقۇلما ھەجىمىنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئۇزاققىچە ساقلاپ قالغىلى بولمايدۇ. گىئالۇرونىك كىسلاتا بىلەن ناترىينى خىمىيەلىك چېتىشتۇرۇش ئارقىلىق تېخىمۇ مۇقىم خىمىيەلىك قۇرۇلما شەكىللەندۈرۈپ، پارچىلىنىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، ئۇنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ، لېكىن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىرتتىن كەلگەن ماددا بولۇش سۈپىتى بىلەن ئادەم بەدىنىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ۋاقىت كۆپەيگەچكە، خەۋپ-خەتەرمۇ مۇناسىپ ھالدا ئاشىدۇ. ئوخشاش بولمىغان مەھسۇلات لايىھەسى (مەسىلەن، گىرەلىشىپ باغلىنىش ئۇسۇلى، گىرەلىشىپ باغلىنىش دەرىجىسى، دانچىلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى) مەھسۇلاتنىڭ ئوخشاش بولمىغان خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئوخشاش بولمىغان ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە قوللىنىش دائىرىسىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا، بۇ خىل مەھسۇلاتلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۈنۈمى بىر تەڭپۇڭ مۇناسىۋەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مەھسۇلاتنىڭ ئىشلىتىلىش بىخەتەرلىكى ۋە ئۈنۈمى يەنە ئوكۇل قىلىش مىقدارى، ئوكۇل قىلىش قېتىم سانى، ئوكۇل قىلىش ئورنى، ئوكۇل سېلىش چوڭقۇرلۇقى، ئوكۇل سېلىش ئۇسۇلى، ئوكۇل سېلىش جەريانىنىڭ تازىلىق دەرىجىسى ۋە يەككىلەر ئارىسىدىكى پەرق قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

  يۈز قىسمىغا ئوكۇل قىلىپ سالغاندا، گىئالۇرونىك كىسلاتا ناترىي بىلەن تولدۇرغاندا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ناچار تەسىرلەر: زىيادە سەزگۈرلۈك، يۈز قىسىمى قىچىشىش، قىزىرىپ ئىششىش، ئاغرىش، كۆكىرىش، يۇقۇملىنىش، تاتۇق شەكىللىنىش، قاتتىق تۈگۈن ھاسىل بولۇش، پىگمېنت ئولتۇرۇشۇش، ئىممۇنىتېت رېئاكسىيەسى، يەرلىك ئورۇندىكى تېرە نېكروزلىنىش قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەم بەدىنىنىڭ يۈز قىسمىدىكى يۈزە قان تومۇرلار بىلەن كۆز ئارتېرىيەسى، باش ئىچىدىكى قان تومۇرلار ئارىسىدا ئالاقە مەۋجۇت، مەسىلەن، ئوكۇل قىلىش مۇۋاپىق بولمىسا، گىئالۇرونىت ناترىي كىچىك ئارتېرىيەگە ئېقىپ كىرىپ، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنمىسا، كۆز ئارتېرىيەسى، مېڭە قان تومۇرلىرى توسۇلۇپ قېلىپ كۆرمەس بولۇپ قېلىش، مېڭە تىقىلمىسى قاتارلىق تېخىمۇ ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىدۇ. شۇڭا، گۈزەللىكنى سۆيگۈچىلەر ئوكۇل سېلىشتىن بۇرۇن، چوقۇم مەھسۇلاتنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىدىكى تەدبىقلىنىش دائىرىسى، مىقدارى، پەرھىز تۇتۇش كىنىشكىسى، ئەكس تەسىرى، ئەگەشمە كېسەللىكلەر، دىققەت قىلىدىغان ئىشلار قاتارلىق ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرلىرىغا ئەستايىدىل دىققەت قىلىپ، دوختۇر بىلەن تولۇق پىكىرلىشىپ، ئۆزىنىڭ ئوكۇل قىلىشقا ماس كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.

  ئۈچىنچى سوئال: گىلۇكۇرونىدازا ئىشلىتىش خەۋپ-خەتىرىنى قانداق تۆۋەنلىتىش كېرەك؟

  تېببىي ھۆسن تۈزەش بازىرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى بىلەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېببىي ھۆسن تۈزەش تۈرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ باھاسى ئەرزان بولغاچقا، بەزى سالاھىيىتى يوق پەردازخانىلار، ساتىراشخانىلار، تىرناق گۈزەللەشتۈرۈش دۇكانلىرىمۇ بۇ تۈرنى يولغا قويۇشقا باشلىدى، ھەتتا ساختا، ناچار گىلۇكۇرونىدازا مەھسۇلاتلىرىنى ئوكۇل قىلىپ سالدى. گۈزەللىكنى سۆيىدىغان زاتلار ئوكۇل قىلىپ ئۇرغاندىن كېيىن يۈز قىسمى چىرىپ، چىرايى بۇزۇلۇپ كېتىدىغان ئەھۋاللار پات-پات يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، كۆپ قىسىم شەكىل تۈزەشنىڭ مەغلۇپ بولۇشى «ئۈچ قانۇنسىز» شەكىل تۈزەشتىن كېلىپ چىققان، يەنى «قانۇنسىز شەكىل تۈزەش ياكى ھۆسن تۈزەش ئاپپاراتى»دا ئېلىپ بېرىلغان، «كەسپىي ۋىراچ ئەمەس» كىشىلەر مەشغۇلات ئېلىپ بارغان ياكى «قانۇنسىز مەھسۇلات» ئىشلەتكەن.

  مۇتەخەسسىسلەر شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، دۆلىتىمىزنىڭ 3- تۈردىكى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى ئىنتايىن قاتتىق، بۇ تۈردىكى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىشتا «داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى رويخەتكە ئېلىش گۇۋاھنامىسى»، «داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى»، «داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسى» ئېلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلىتىمىز قانۇنسىز سودىگەرلەر ۋە پەردازخانىلارنىڭ ساختا، ناچار ئوكۇلغا ئىشلىتىلىدىغان ناترىي كىسلاتاسى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىنى قاتتىق چەكلىدى، شۇڭا گۈزەللىكنى سۆيگۈچىلەر كېلىش مەنبەسى قانۇنسىز، تەركىبى ئېنىق بولمىغان ھەر خىل مەھسۇلاتلارغا قارىتا «ياق» دېيىشى كېرەك. ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، مەھسۇلات ئوراش قۇتىسىدىكى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى رويخەتكە ئېلىش كىنىشكىسى نومۇرىغا ئاساسەن، دۆلەت دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتىدە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىسا بولىدۇ. گۇمانىي ساختا، ناچار مەھسۇلاتلارغا يولۇققاندا، چوقۇم نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىغا پاش قىلىپ، ئۆز مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك. ناترىي گىئالۇرونىتنى ئوكۇل قىلىپ شەكىلگە كىرگۈزۈشتە، مۇناسىپ سالاھىيەتكە ئىگە داۋالاش ئاپپاراتىدا مۇناسىپ كەسپىي سالاھىيەتكە ئىگە دوختۇرلار ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇپ، قانۇنلۇق بازارغا سېلىنغان ناترىي گىئالۇرونىد مەھسۇلاتىنى تاللىغاندىلا، ئاندىن خەۋپ-خەتەرنى كونترول قىلغىلى بولىدىغان دائىرىگە چۈشۈرگىلى بولىدۇ، ئۈچ نۇقتىدىن بىرى كەم بولسا بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر