باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بانان توغرىسىدا سىز بىلمەيدىغان ئىشلار

2018.08.28 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيەدە، «كۈندە يېسەڭ بىر تال ئالما، ساغلاملىق بولار ھەمراھ» دەيدىغان ماقال بار. ئەمەلىيەتتە، باناننىڭ ئۈنۈمىمۇ ئالما بىلەن ئوخشاش. باناندا ۋىتامىن A، B تۈردىكى ۋىتامىنلار، ۋىتامىن C ۋە ۋىتامىن E لار بار. ئۇنىڭدىن باشقا، باناندا يەنە كالىي، سىنك، تۆمۈر قاتارلىق مىنېرال ماددىلارمۇ مول.

  «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» باناننىڭ پايدىلىق 6 خىل ئۈنۈمىنى يىغىنچاقلاپ چىققان. تۆۋەندە بىز باناننىڭ بۇ 6 خىل پايدىلىق ئۈنۈمىنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى:

  بىرىنچى: قان بېسىمىنى كونترول قىلىش

  تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، باناننىڭ تەركىبىدىكى كالىي ئېلېمېنتى قان بېسىمىنى كونترول قىلىپ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بېرىدىكەن.

  ئىككىنچى: ئەقلىي ئىقتىدارنى ياخشىلاش

  بانان B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلارنىڭ ناھايىتى ياخشى كېلىش مەنبەسى بولۇپ، نېرۋا ئىقتىدارىنى جانلاندۇرۇش ۋە ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەن.

  ئۈچۈنچى: سەكتە خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش

  تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، باناننى دائىم ئىستېمال قىلىش كىشىلەرنىڭ سەكتە بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق ئىكەن. بانان تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى دورا ۋە يېمەكلىك تالاسى مول بولۇپ، بۇ خىل مېۋىنى دائىم يەپ بەرگەندە، كىشىلەرنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

  تۆتىنچى: سۆڭەكنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاش

  باناندا يەنە ئۆسۈشكە پايدىلىق زەمبۇرۇغلار ساقلانغان بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى كالتسىينى تېخىمۇ ياخشى سۈمۈرىدۇ، بۇ يەنە سۆڭەكنىڭ ساغلاملىقىغىمۇ پايدىلىق ئىكەن.

  بەشىنچى: ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش

  بانان تەركىبىدىكى پايدىلىق باكتېرىيە ئادەم بەدىنىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تېخىمۇ ياخشى سۈمۈرىدىغان بىيوخىمىيەلىك ئېنزىملارنى ھاسىل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، دوستانە بولمىغان باكتېرىيەلەرنىڭ بەدەنگە زىيان يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بانان يەنە يىغىلىش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، خام باناننىڭ ئىچ سۈرۈشنى داۋالاش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى ئىكەن.

  ئالتىنچى: قەۋزىيەتنى يېنىكلىتىش

  بانان تەركىبىدىكى مېۋە يېلىمى قەۋزىيەتنى پەسەيتىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، پىشقان باناننى يېسە، ئۈچەينى سىلىقلايدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر