باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

كۆز چارچاشنى تۈگىتىشنىڭ تۆت ئاددىي ئۇسۇلى

2018.08.27 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇزۇن مۇددەت تېلېۋىزور، كومپيۇتېر، يانفون قاتارلىقلار بىلەن ئۇچراشقاندا ئاسانلا كۆز ئالمىسىغا قان تولۇش، كۆز قۇرغاقلىشىش قاتارلىق كۆز كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ياپونىيە قامۇس تور بېكىتى «haver»دا كۆز چارچاشنى تۈگىتىشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلىنى يەكۈنلەپ چىققان بولۇپ، تۇرمۇشىمىزدا پايدىلىنىشقا بولىدۇ. تۆۋەندە بىز بىرلىكتە بۇ كۆز چارچاشنى تۈگىتىشنىڭ ئاددىي ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىپ چىقايلى:

  كۆز ئەتراپىدىكى ئالتە پەللىنى بېسىش

  كۆز ئەتراپىدا كۆز چارچاشقا قارشى تۇرىدىغان ئالتە پەللە (رەسىمگە قاراڭ) بار بولۇپ، تەرتىپ بويىچە جىنمىڭ پەللىسى (بۇرۇن يىلتىزى بىلەن كۆز قارىچۇقى تۇتاشقان جايغا جايلاشقان)، چۈجۇ پەللىسى (قوشۇمىسى بىلەن كۆز ئۇۋىسىغا يېقىن جايغا جايلاشقان)، يۈياۋ پەللىسى (كۆز قارىچۇقىنىڭ ئۈستى تەرىپى بىلەن قېشىنىڭ ئوتتۇرىسىدا)، سىجۇ كاۋاكچىسى (قاش قۇيرۇقى ئويمانلىقىدا)، چېكە پەللىسى (چېكە بۇرجىكى ئويمانلىقىدا)، چېڭشى پەللىسى (كۆز قارىچۇقى ئوتتۇرىسىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى كۆز ئويمىنى ئويمان جايىدا) بار. كۆز چارچاشنى تۈگىتىش ئۈچۈن، ئاشۇ پەللىلەرنى باسقاندا، جىڭمىڭ پەللىسىدىن سىجۇكۇڭ پەللىسىگىچە تەرتىپ بويىچە بېسىش، ھەر بىر پەللىنى كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن بەش سېكۇنتتىن بېسىش، شۇنداقلا ھەر بىر پەللىنى ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق قايتا بېسىش كېرەك.

  لۆڭگە چاپلاش

  كۆز قاپىقى ساڭگىلاپ كېتىش، كۆز نۇرى ئۇيقۇسىراش كۆز قان ئايلىنىشنىڭ ناچارلاشقانلىقىنىڭ سىگنالى بولۇپ، ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ. ھۆل لۆڭگىنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سېلىپ 30~50 سېكۇنت قىزدۇرۇپ، قولنى كۆيدۈرمىگۈدەك بولغاندا ئىككى مىنۇت قاپاققا سۈرسە، قاننى جانلاندۇرۇپ، ھاردۇق چىقىرىش ئۈنۈمى بولىدۇ. ئەگەر كۆز ئالمىسى قانغا تولۇپ كەتسە، ئۇ بەلكىم كۆزنىڭ «ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش» ۋە ياللۇغلىنىشنىڭ سىگنالى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ چاغدا لۆڭگە بىلەن بىر-ئىككى مىنۇت سوغۇق ئۆتكۈزۈش كېرەك.

  كۆز ئالمىسى گىمناستىكىسى ئىشلەش

  ئۇزاق ۋاقىت كومپيۇتېر ياكى تىلفۇنغا قارىغاندا، كۆزنىڭ فوكۇس نۇقتىسىنى تەڭشەشكە مەسئۇل مۇسكۇل چارچايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، كۆز ئالمىسى گىمناستىكىسىنى ئويناش كېرەك. كۆز ئالمىسى گىمناستىكىسىنى ئويناش شەكلى بولسا: تىز سۈرەتتە كۆزنى يۇمۇپ ،بىردىنلا ئېچىش، كىيىن باش قىسىمىنى مىدىرلاتماي كۆز ئالمىسىنى ئوڭ-سول ۋە ئاستى-ئۈستىگە ئايلاندۇرۇش بولۇپ، ئۈستىدىكى ھەرىكەتلەرنىڭ ھەربىرىنى ئىككى-ئۈچ قېتىمدىن تەكرارلاش كېرەك.

  يىراقتىن كۆزىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش

  ياپونىيە كۆز كېسەللىكلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي كېڭەش ئەزاسى، كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرى شىچۇەن ۋەنزى «بەش مىنۇتلۇق كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلى» دېگەن كىتابىدا، يىراقنى ئۈچ سېكۇنتتىن بەش سېكۇنتقىچە كۆزەتكەندە، ئۇزاق ۋاقىت يېقىن ئارىلىقتىكى نەرسە كەلتۈرۈپ چىقارغان كۆز چارچاشنى ئۈنۈملۈك پەسەيتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بەك يىراقنى كۆرسە ئەكسىچە ئۈنۈمى بولمايدۇ، بېشىنى كۆتۈرۈپ تورۇسقا قاراش ياكى كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۆينىڭ يەنە بىر ئۇچىدىكى تامغا قاراش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر