باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

زەنجىۋىل چېيىنى ئىچىپ بەرسە، ئېغىز پۇراشنى يوقىتىدۇ

2018.08.24 17:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۆتتىن بىر قىسىم كىشىلەردە دائىم ئېغىز پۇراش كېسەللىك ئالامىتى بار بولۇپ، ئادەمنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچكە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە مىيۇنخېن سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پىروفېسسور توماس خوفمان زەنجىۋىل چېيى ئىچىشنىڭ ئېغىز پۇراشنى يوقىتىشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

  زەنجىۋىلنىڭ ئېغىز پۇراشنى يوقىتىشىدا، تەركىبىدىكى (گىنگېرول) زەنجىۋىل ئاچچىق ماددىسى ئاساسلىق رول ئوينايدۇ. گىنگېرول زەنجىۋىلدا ئاچچىق تەم پەيدا قىلىدىغان خىمىيەلىك ماددا بولۇپ، ئېغىز بوشلۇقىدىكى بىر خىل ئېنزىمنى غىدىقلاپ، سېسىق پۇراقلىق ماددىلارنى ئاجرىتىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: بۇ بايقاش ئاساسىدا، كەلگۈسىدىكى چىش پاستىلىرى ۋە ئېغىز چايقاش سۈيىدە زەنجىۋىلدىكى گىنگېرول تەركىبى ئىشلىتىلىشى مۇمكىن.

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىقاتتا بايقىشىچە، پىدائىيلار گىنگېرولنى سۈمۈرگەندىن كېيىنكى بىر نەچچە سېكۇنتتا، ئادەم بەدىنىدىكى «مېركاپتو ئوكسىدازا-1» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئېنزىمنىڭ سەۋىيەسى 16 ھەسسە ئاشقان ھەمدە نەپەسلىنىش كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان. بۇ خىل ئېنزىم ئېغىز بوشلۇقىدىكى ناچار پۇراق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، تەركىبىدە گۈڭگۈرت بولغان بىرىكمىنى پارچىلايدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، زەنجىۋىل يەنە قەھۋە تۈرىدىكى يېمەك-ئىچمەكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر قەدەر ئۇزۇن بولغان قالدۇق پۇراقنى چىقىرىۋېتىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر